مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باي - باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى

2022.09.26 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  5 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، بىز بۇلتۇر شىمال تەرەپتە ئاز كۆرۈلىدىغان كۈز يامغۇرى، كۈزلۈك كەلكۈننىڭ تەسىرى، كۈزگى بۇغداي كەڭ كۆلەمدە كېچىكىپ تېرىلىش ۋە قىسمەن جايلاردا كۆرۈلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، جەنۇب تەرەپتىكى قىسمەن جايلاردا كۆرۈلگەن ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاقچىلىق خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، يازلىق ئاشلىق، چىلگە شال ھوسۇلىنى ئاشۇردۇق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باي - باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ