مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۈللىنىش يولىدا قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەيلى

− «گۈللىنىش ئەسەرلەر خەزىنىسى»گە كىرىش سۆز

2022.09.28 08:57 مەنبە: خەلق تورى

  (2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)

  شى جىنپىڭ

  تارىخ يېزىپ قائىدە تۇرغۇزۇش، تارىخنى ساقلاپ ئەقىلنى ئېچىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان ئەنئەنىسى. «گۈللىنىش ئەسەرلەر خەزىنىسى»نى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەستىقلاپ يولغا قويغان مۇھىم، زور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى. پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان پەيتتە، بۇ ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىشى بىزنىڭ تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو يولىدا ياخشى مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيادىكى ئۇلۇغ مىللەت، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىغا ئايلاندى. سانسىزلىغان غايىلىك، ئىرادىلىك زاتلار ئىرادىسىدىن قايتماي، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ چۇقان سېلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرا يولىنى تاپتى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئەڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبال نامايان بولدى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە توغرا يولنىڭ يېتەكلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلىيەلەيدۇ!

  ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىلغار ۋە مۇنەۋۋەر ئوغۇل - قىزلىرى ئىزدىنىش، كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ۋە دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە زور مىقداردىكى بىباھا ھۆججەت - ماتېرىياللارنى قالدۇردى. «گۈللىنىش ئەسەرلەر خەزىنىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى تارىخىي ھۆججەت - ماتېرىياللار توپلىمىنى تۈزۈپ نەشر قىلىش يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى مۇھىم ئىدىيە ھۆججەت - ماتېرىياللىرىنى تاللاپ تۈزۈش ئارقىلىق ئەجدادلارنىڭ يول ئاچقانلىقىنى بايان قىلىپ ۋە خاتىرىلەپ، كېيىنكىلەرنى كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، ھەممىدە ئالدىغا قاراپ مېڭىش كېرەك، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ قانچە يىراققا ماڭسىمۇ، قانچە پارلاق كەلگۈسىگە بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بىز تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئۆتمۈشكە نەزەر سېلىپ كەلگۈسىنى بىلىشكە تېخىمۇ موھتاج.

  بىز پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز، جۇڭگو تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز، قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز، ئىلگىرى بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىز، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. تارىخىي جەۋھىرىنى ئايرىپ ئېلىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئىلمىنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگو نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان نەتىجە ۋە شان - شەرەپنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ