مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ 4- پەسىللىك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭمۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىغاھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك

خەن جېڭ يېغىنغا قاتناشتى

2022.09.29 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-چېسلا يىغىن ئېچىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ 4-پەسىللىك خىزمەتلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مۆلچەردىكىدىن ھالقىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 2-پەسىلدە ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىز ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى كەسكىن زورايتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، سىيەسەتلەردىن تولۇق پايدىلاندۇق، سىياسەت كۈچلۈك، دائىرىسى مۇۋاپىق بولدى. مۇقىم ئېشىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتۇق. يەرلىككە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت ۋە تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدۇق. جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، 3-پەسىلدە ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى.لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىم يۈكسىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. 4-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ پۈتۈن يىللىق سالمىقى ئەڭ زور بولۇپ، نۇرغۇن سىياسەتلەر 4-پەسىلدە تېخىمۇ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بىز ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ھالقىلىق ۋاقىت ۋە ۋاقىت تۈگۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشى، تولۇق ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئېھتىياج ئاجىز بولۇشتەك گەۋدىلىك زىددىيەتكە قارىتا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما سىياسەتلەرنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككى تۈرلۈك مۇھىم سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرىنچى، سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەرلىكنىڭ تۈر ئېھتىياجىغا ئاساسەن، نورما چېكىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 4-پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ماددىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەخسۇس تۈردىكى تەكرار قەرز پۇل، مالىيە ياردەم ئۆسۈمى قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كەسپى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، رېئال ئېھتىياجنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن - بەلگىلىمىلەر بويىچە كېلەر يىللىق مەخسۇس قەرزنىڭ قىسمەن چېكىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېكىتىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي تۇرالغۇ ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ،ئۆينى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر قايسى نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئالاقىدار ئۆلكىلەر بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ھەم ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش مۇھىم تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تارماقلار بېكىتىلگەن مۇھىم تەدبىرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپسىلىي قائىدىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم تۈرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادتا كۈچلۈك ئۆلكىلەر مۇقىم ئىقتىسادىي تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قىيىنچىلىقى بار ئامما كۆپىيىۋاتىدۇ،بىز خەلق تۇرمۇشىغا پۇختا كاپالەتلىك قىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلىشىمىز كېرەك.4-پەسىلدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى باسقۇچلۇق كېڭەيتىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۆلچىمىگە يېقىلىشىپ قالغان ئائىلىلەرنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردىمى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، جايلار بۇ خىزمەتنى پۇختا، ئادىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشى، مەركەز مالىيەسى يەرلىكنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن چىقىمىغا% 70 ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك. ئىشسىزلىق كاپالىتىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىمۇ تولۇقلىما ياكى ياردەمگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىشسىز قالغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان كىشىلەرنى بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجىلار يېغىنغا قاتناشتى.كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ