مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.10.09 10:16 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قاتتىق بولۇشتا جەزمەن قانۇن ـ نىزام بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ـ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىكلىكى مىسلىسىز بولدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، بىزنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم، زور رولىنى، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم، زور رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 400 بۆلەك باياندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 2022 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 180 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەردىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ