مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى 2022-يىل»لىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.10.08 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29-سېنتەبىر دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى 2022-يىل»لىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش تورىغا پائال سىڭىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەپ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋامنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتى مۇجەسسەملىنىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقى تېخىمۇ قوزغىتىلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تېز يېتىلىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ ساھەسى ۋە بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرىدۇ. جۇڭگو دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن داۋاملىق دوستانە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خەلقئارا قائىدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ