9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا دوستانە ھەمكارلىق يىلى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تېز تەرەققىي قىلىشى دەل جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
فېرناندېس تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئارگېنتىنا ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يېرىم ئەسىرنى بېسىپ ئۆتتى، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۈچ قوشۇشىنى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «تاراتقۇلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئورتاق كۆزلەش» بولۇپ، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن ئارگېنتىنا ئاممىۋى تاراتقۇ دۆلەت ئىشلىرى كاتىبات ئىشخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ