مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.10.08 09:27 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 50 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم، زور سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان. 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى تەرەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت سىياسىي ھۆججەت ۋە بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە مۇھىم بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋەزىر ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئېقىم چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەشنى خالايمەن.

  ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىل ئىلگىرى، ياپونىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ۋە سىياسىي جاسارەت بىلەن ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي مۇساپىسىنى ئاچقان. 50 يىلدىن بۇيان، ياپونىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، خادىملار ئالاقىسى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كېيىنكى 50 يىلنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىجابىي، مۇقىم بولغان ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى دۆلەت جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، مەدەنىيىتى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئوخشاشلا رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مۇھىم دۆلەتلەر. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىنچ، دوستانە ئۆتۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قوغداپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى پۇختا تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، سىجىل، ساغلام، مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ