سۈرەتتە : شىنجاڭدا ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىققاندا ئۆتۈدىغان قىزىق لىنىيە-S101 ئۆلكە يولى ۋە يول بويىدىكى مەنزىرىلەر.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2012-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تاشيول 62 مىڭ 200 كىلومېتىرغا، ئومۇمىي تاشيول 217 مىڭ 300 كىلومېتىرغا يەتكەن، تاشيول تورىنىڭ زىچلىقى 2012-يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن %40 تىن كۆپرەك ئاشقان، بارلىق يېزا-بازار ۋە شارائىتى ھازىرلانغان ئۆلكە، شەھەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلغان.
ھازىر شىنجاڭنىڭ جەنۇب، شىمال، ئوتتۇرا ئۈچ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، قاتناش يول تورى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيول پۈتتى، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيول ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 3- تاشيول پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان 2-چوڭ يول G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان 3-چوڭ يول G0612 شىنىڭ-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى بۆلىكى تولۇق تۇتاشتۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ