دېلو ئەھۋالى
ۋاڭ فامىلىلىك مەلۇم ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئايلىق مائاشىنى ئاغزاكى پۈتۈشكەن، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن ئىدى.
بىر كۈنى ۋاڭ فامىلىلىك ماشىنىسازلىق شىركىتىدە ئىشلەۋاتقاندا، چۈشۈپ كەتكەن تۆمۈر پارچىسى تەرىپىدىن زەخىملەندى، ئىشتىن كېيىن ماشىنىسازلىق شىركىتى بىر پارچە ئىسپات چىقىرىپ، ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش كونكرېت جەريانىنى ئىسپاتلىدى ھەمدە تامغا باستى (خىزمەت مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ۋاڭ فامىلىلىك شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، بۇ ئىدارە ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ۋاڭ فامىلىلىك 9-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتىلدى.
لېكىن، بۇ ماشىنىسازلىق شىركىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتە مەسىلە بار دەپ قاراپ، ئالاقىدار تۆلەمنى بېرىشنى رەت قىلدى.
كېيىن ۋاڭ فامىلىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى.
سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ فامىلىلىك بىلەن ماشىنىسازلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، دەپ ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئالاقىدار تۆلەمنى قوللىدى.
تەھلىل
1-ئاساس
«ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ [2005] 12-نومۇرلۇق ھۆججىتى)دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بېكىتكەندە، تۆۋەندىكى ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
(1) مائاش بېرىش دوكۇمېنتى ياكى خاتىرىسى (ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش تارقىتىش تىزىملىكى)، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش خاتىرىسى؛
(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە تارقاتقان «خىزمەت كىنىشكىسى»، «مۇلازىمەت كىنىشكىسى» قاتارلىق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىلەر؛
(3) ئەمگەكچى تولدۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدۋىلى، تىزىملىتىش جەدۋىلى قاتارلىق قوبۇل قىلىش خاتىرىسى؛
(4) يوقلىما خاتىرىسى؛
(5) باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىقلار.
2-ئاساس
«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سورۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلىرىنى ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىش كېرەك.
شۇڭا، ئىش ئۈستىدە يارىلانغان بولسا، ئەمگەكچى خىزمەت ئىسپاتى، مائاش جەدۋىلى، خىزمەت كىنىشكىسى، تىزىملاش جەدۋىلى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلىسا بولىدۇ، يەنە ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىلسە ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئالاقىدار تەمىناتنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى