مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومىنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى رېيكياۋىكتا ئۆتكۈزۈلدى

2022.10.13 09:42 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومىنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىسلاندىيە پايتەختى رېيكياۋىكتىكى خارپا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ ئىسلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى، ئىسلاندىيە بوكا فېراجېد نەشرىيات شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. ئىسلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئولافۇر راگىنار گېرمىسون پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دۇ جەنيۈەن سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خې رۇلۇڭ، ئىسلاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل كاتىپى مارتىن ئېجولسون، زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئولنېي سىگرېنسون، بوكا فېراجېد نەشرىيات شىركىتىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 60 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  گېرمىسون تەبرىك سۆزىدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دائىر ھېكايىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئىككىيلەننىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى ئارقىلىق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى. گېرمىسون «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومىنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىل - يېزىقتىكى نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى خۇددى جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيا بىلەن بولغان بىر مەيدان سۆھبىتىگە ئوخشايدۇ، بۇ كىتابنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسى جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى بىر - بىرىنى چۈشىنىش ۋە دوستانە ئالاقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، جۇڭگونى چۈشىنىش بۈگۈنكى ھەتتا كەلگۈسى دۇنيا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

  دۇ جەنيۈەن سىنلىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابتا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگودىكى دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى نامايان قىلىنغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو لايىھەسى ئىپادىلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى تېخىمۇ كۆپ ئىسلاندىيە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئوقۇپ چۈشىنىشىگە يېڭى كۆزنەك ئېچىپ بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چۈشىنىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى شۇنداقلا جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى ۋە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  خې رۇلۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى يېقىن دوست، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومىنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسى بۇ ئەسەرنىڭ شىمالىي ياۋروپا تىلىدىكى تۇنجى تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق مېھرىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، بۇ، ئىسلاندىيە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئىدىيەسى ۋە ئويلىنىشىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىشىگە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىپ بېرىدۇ.

  تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، خې رۇلۇڭ بىلەن ئىسلاندىيەلىك ئەزىز مېھمانلار بىرلىكتە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومىنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسى ئۈچۈن يېڭى كىتاب يوپۇقىنى ئاچتى. خې رۇلۇڭ يەنە ئىسلاندىيەلىك ئەزىز مېھمانلارغا يېڭى كىتاب سوۋغا قىلدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومىنىڭ ئىسلاندىيە تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى بىلەن بوكا فېرراگىد نەشرىيات شىركىتى بىرلىكتە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان. ھازىرغا قەدەر، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومى 37 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ