مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.10.13 09:40 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىنمەيئېر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - گېرمانىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. مەن جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ستەيىنمەيئېر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ستەيىنمەيئېر مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىلدىن بۇيان، گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۆپ ساھەدە چوڭقۇر قاتلاملىق تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، گېرمانىيە - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ