مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇيەسسەر نىجات: ھاياتنىڭ خەۋپلىك پەيتىدىكى باشلامچى

«20-قۇرۇلتاينى قىزغىن كۈتىۋالايلى. 20-قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ سالاپىتى»

2022.10.10 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سۈپىتىنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇيەسسەر نىجات، ئۇ ھازىرغىچە زادى قانچە بىمارنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى، پەقەت تېلېفوننىڭ چوقۇم 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇشى، دەم ئالغاندا چوقۇم بەك قاتتىق ئۇخلاپ قالماسلىقى، بىمارغا قارىغاندا چوقۇم «قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇشى» كېرەكلىكىنىلا بىلەتتى.

  مۇيەسسەرنىڭ قارىشىچە، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى ئېغىر بىمارلارنى بوشاشماي قۇتقۇزغاندىلا، بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولاتتى، دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم قۇربان بېرىش، تۆھپە قوشۇش روھىنى ھازىرلىشى كېرەك ئىدى.

  مۇيەسسەر بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى 23 كۈنگە سوزولغان بىمارنى قۇتقۇزۇش كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئادەمدە بىر جاننى قۇتقۇزۇشتىنمۇ ئارتۇق مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بولمىسا كېرەك».

  57 ياشلىق ئاX تېببىي خادىم بولۇپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى خىزمەت قىلىۋاتقاندا ھوشىدىن كېتىپ، يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان. نەق مەيداندا يۈرەك، ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاX قۇتقۇزىۋېلىنغان، بىراق يۈرەك سوقۇشى ئاجىز بولغانلىقتىن قان ئايلىنىش نورمال بولماي، قايتا-قايتا يۈرەك رېتىمسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن، خىزمەتداشلىرى دەرھال مۇيەسسەر بىلەن ئالاقىلاشقان.

  مۇيەسسەر«بۇ بەلكىم جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك مەنبەلىك شوك بولۇشى مۇمكىن، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشىمىز كېرەك!» دېدى-دە، دەرھال ئاX كە جىددىي قۇتقۇزۇش يېشىل يولى ئېچىپ، داۋالاش ئەترىتىنى باشلاپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەييارلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ خىل كېسەللىكلەربۆلۈمى بويىچە كوللېكتىپ دىياگىنوز قويۇش يىغىنى ئاچتى.

  ئاX نىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئاجىزلىقى، قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇيەسسەر داۋالاش ئەترىتى بىلەن بەدەن سىرتىدىكى پەردىلىك ئۆپكىنى ئوكسىگېنلاشتۇرۇش ( ECMO ) نىڭ ياردىمىدە، ئىككىلەمچى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا داۋالاش ئەسۋابى ئارقىلىق بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئاستىلىتىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مېڭە زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئاX نىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى تەدرىجىي مۇقىملاشقان ھەمدە ئوپېراتسىيە قىلىش تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئۇنىڭغا ECMO نىڭ ياردىمىدە تاجسىمان تومۇر تىرىكى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى.

  ئوپېراتسىيە قىلىپ 7-كۈنى ECMO ئېلىۋېتىلدى، 9-كۈنى كانايغا كىرگۈزۈلگەن نەيچە ئېلىۋېتىلدى... شۇ مەزگىللەردە، مۇيەسسەر ئىشخانىسىدا يېتىپ قوپۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ ۋە داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ كۆزىتىشى ۋە قۇتقۇزۇشى بىلەن ئاX نىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن 23-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى. ھازىر ئاX مۇيەسسەرگە ئوخشاش خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىمارلارنى داۋالاۋاتىدۇ.

  بىمارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بۇ مەسئۇلىيەت مۇيەسسەرنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنى ئادەتتىكى دوختۇردىن تۈرلۈك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرالايدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش مۇتەخەسىسىگە ئايلاندۇردى. مۇيەسسەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەتەرلىك پەيتتە ھەمىشە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان بولدى.

  2020-يىلى 7-ئايدا، ئۈرۈمچىدە يىڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندە، مۇيەسسەر ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم مۇداپىيە-تىزگىن خىزمىتى مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ يىڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى نۇقتىلىق داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا بېرىپ، باشقا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە ئېغىر بىمارلار رايونىنى تاپشۇرۇۋالدى. مۇيەسسەر ئۆزى مەسئۇل بولغان بىمارلار رايونىدىكى تىببى خادىملارنى باشلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان خەتەرلىك، ئېغىر بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سۈپىتىنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇيەسسەر ئۆمەك تەشكىللەپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش سۈپىتىنىتىزگىنلەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى جىددىيقۇتقۇزۇشتىكى ئالاھىدە ئىككىلەمچى كەسپ ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

  مۇيەسسەر كوللېكتىپنى باشلاپ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنى دۆلەتنىڭ كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر يىلى ئاساسىي قاتلامدىكى 4000 دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى تەربىيەلىدى. مۇيەسسەر مۇنداق دېدى:ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى نىسبەتەن مۇقىم بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ياش دوختۇرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت ۋە سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇيەسسەر كلىنىكا، ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان 26 يىلدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كۆپ تۈرلۈك تەبىئىي پەن فوندى تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، كۆپ قېتىم تەكلىپ بىلەن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلمىي لېكسىيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.

  مۇيەسەر شەرەپ بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىدىن، مەسئۇلىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:پارتىيە ۋەكىلىلىك سالاھىيىتىم ماڭا نىسبەتەن تېخىمۇ زور ئىلھام بولدى، مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنى قۇتقۇزۇپ، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىنى قوغداشقا ھەيدەكچىلىك قىلىمەن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ