مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىدە 332 مىڭدىن ئارتۇق خەلق زاسېداتېللىرى بار

2022.10.12 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  بۈگۈن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى، «خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودىكى ئەمەلىيىتى» ۋە خەلق زاسېداتېللىرى سوتقا قاتناشقان 10 چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىدە ھازىر 332 مىڭدىن ئارتۇق خەلق زاسېداتېللىرى بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن. 2018-يىلى 4-ئايدا خەلق زاسېداتېللىرى قانۇنى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، 2022-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە خەلق زاسېداتېللىرى جەمئىي 2 مىليون 150 مىڭدىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسى، 8 مىليون 790 مىڭدىن ئارتۇق ھەق تەلەپ دېلوسى ۋە 780 مىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي دېلوغا سوت ئېچىشقا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يەتتە كىشىلىك كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ۋە جامائەت مەنپەئەتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان خەلق ئاممىسى كەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىجتىمائىي تەسىرى زور بولغان 23 مىڭدىن ئارتۇق دېلو ئۈستىدىكى سوت ئاياغلاشتۇرۇلۇپ، ياخشى قانۇنىي ئۈنۈم، سىياسىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما شىجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ سوتقا قاتنىشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تەدرىجىي ئۆستى، قوشۇننى تاللاپ تەيىنلەش، باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلمىيلىكى، قېلىپلىشىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمى كۈنسېرى ھاياتىي كۈچكە تولدى.»

  ما شىجۇڭ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا ئەمەلىيلىشىشى»نى تەييارلاپ، خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق تەدبىرلىرى ۋە روشەن ئۈنۈمىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق شەرھلىدى. خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق زاسېداتېللىرى قانۇنى ۋە «خەلق زاسېداتېللىرىنى تاللاپ تەيىنلەش چارىسى»دە بەلگىلەنگەن تاللاپ تەيىنلەش شەرتىنى قاتتىق ئىگىلەپ، تاللاپ تەيىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تاللاپ تەيىنلەش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «بىرنى ئۆستۈرۈش، بىرنى تۆۋەنلىتىش» ۋە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. ھازىر مەملىكەت بويىچە خەلق زاسېداتېللىرى 332 مىڭدىن ئېشىپ، قوشۇن كۆلىمىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر %53.9 نى، ئاياللار %46.1 نى ئىگىلىگەن؛ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار %41.7 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى %36.4 نى، دېھقانلار ۋە مۇقىم كەسپى يوق خادىملار %21.9 نى ئىگىلەيدۇ. خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى تېخىمۇ كېڭەيدى، جىنس نىسبىتى، كەسىپ تارقىلىشى يەنىمۇ تەڭپۇڭلاشتى، ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، ياش قۇرۇلمىسى كۈنسېرى مۇۋاپىقلاشتى، قوشۇننىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، «خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا ئەمەلىيلىشىشى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق زاسېداتېللىرى قانۇنىدا خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ سوت ئېچىشقا قاتنىشىش دائىرىسى مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ. يانداش ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىدا خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ سوت ئېچىشقا قاتنىشىش پائالىيىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى ئايرىم دېلولارنى ئىختىيارىي تاللاش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان دېلولارنىڭ قاراپ چىقىش ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئالاھىدە دېلولارنى تۈرگە ئايرىپ ئىختىيارىي تاللاش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ سوت ئېچىشقا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق زاسېداتېللىرى سوت ئېچىشقا قاتناشقان دېلولارنىڭ «سانى»غا ئەھمىيەت بېرىشتىن سوت ئېچىشقا قاتنىشىش «سۈپىتى»گە ئەھمىيەت بېرىشكە بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۈچ كىشىلىك كېڭەشمە سوت ۋە يەتتە كىشىلىك كېڭەشمە سوتتىن ئىبارەت ئىككى خىل سوت تەشكىلىي ئەندىزىسىنى تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، يەتتە كىشىلىك كېڭەشمە سوتتا «پاكىتنى بېكىتىش» بىلەن «قانۇننى تەتبىقلاش»نى مۇۋاپىق پەرقلەندۈرۈپ، يەتتە كىشىلىك كېڭەشمە سوتنىڭ پاكىت مەسىلىسى تىزىملىكى تۈزۈمىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، سودىيەلەرنىڭ كۆرسەتمە بېرىش مەجبۇرىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق زاسېداتېللىرىنى سوتقا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قاتنىشىشقا يېتەكلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ