شىنجاڭدىن يولغا چىققان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ ئىشلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇڭ!
2022.10.11 14:49 مەنبە: خەلق تورى
10-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تىرانسپورت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ جۈنفېڭ ئەسكەرتمە بېرىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا شىنجاڭدىن چىقىش تەكشۈرۈش پونكىتىدا قىسمەن چوڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كىشىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭدىن ئايرىلغانلىقى بايقالدى؛ بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ خىل يانفون ئىشلىتىش، ئېكران تارتما سۈرىتى ئىشلىتىش، باشقىلارنىڭ ساغلاملىق كودى ۋە مۇساپە كودىنى سۈيئىستېمال قىلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇساپە، ھەرىكەت ئىزى (بولۇپمۇ خەتىرى يۇقىرى، ئوتتۇراھال خەتەرلىك رايوندا ئولتۇراقلىشىش تارىخى)نى يوشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمنى تىزگىنلەش، تەكشۈرۈشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغان، يۇقىرىقى قىلمىشلار قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ