جۇڭگۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، مىنىستىر ۋاڭ بوخوڭ 7-چىسىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتى قارارنامىسى كۆرۈپ چىقىلىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان پاكىستاننى قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز
ۋاڭ خوڭبو مۇنداق دېدى: جۇڭگۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلەشكەن دۆلەرلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارنامىنى ماقۇللىشىنى قوللايدۇ. بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، پاكىستان 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، ئاپەت نۇرغۇن كىشىنى جېنىدىن ئايرىدى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. قارارنامىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا پاكىستاننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش ۋە قايتا قۇرۇش ئىھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، پاكىستان ئۈچۈن ئۈنۈملۈك، دەل ۋاقتىدا، تولۇق قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاڭ خوڭبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو رەھبەرلىرى دەرھال پاكىستان رەھبەرلىرىگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ ھال سورىدى. جۇڭگو يەنە نۇرغۇن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە پاكىستانغا داۋاملىق جىددىي ياردەم بېرىپ، پاكىستاننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قوللايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى 7-ئاۋغۇست قارار ماقۇللاپ، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان پاكىستان خەلقىگە مەدەت بەردى ھەمدە پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قوللىدى. قاراردا خەلقئارا جەمئىيەت پاكىستان ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئازايتىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا دەۋەت قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ