مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو شىنجاڭ ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تارىخىي نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى

2022.09.30 11:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئىدىيەسى، سىياسىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەر بىردەك باراۋەر، مەيلى نوپۇسى قانچىلىك، تارىخى ئۇزۇن-قىسقا، تەرەققىيات سەۋىيەسى يۇقىرى-تۆۋەن، ئۆرپ-ئادىتى پەرقلىق بولسۇن، ھەممىسى باراۋەر ئورۇنغا ئىگە، ھەممىسى دۆلەت ئىشلىرىغا ئورتاق قاتنىشىدۇ، يەرلىكنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، ئاساسىي قاتلامدا دېموكراتىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولماقتا.

  شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى ۋە يامان غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قوراللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇندى. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ۋىجدانىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، جەمئىيەت بىخەتەر، مۇقىم، تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ