مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىستان 70 كە يېقىن دۆلەتكە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى

2022.09.27 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  9- ئاينىڭ 26 - كۈنى، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا، پاكىستان 70 كە يېقىن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ مىزانى، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ، شياڭگاڭ، شىزاڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ۋە قوش ئۆلچەم قويۇشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ھەم ئومۇمىيلىققا، ئادىللىققا، ئوبيېكتىپلىققا ۋە غەيرىي تاللاشچانلىققا ئىگە قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا تولۇق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىنسانلار جەمئىيىتى يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە قوغدىشى كېرەك.


  20 نەچچە دۆلەت ئۆز ئالدىغا سۆز قىلىپ جۇڭگونى قوللىدى. يۈزگە يېقىن دۆلەت ئوخشىمىغان شەكىللەر بىلەن جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىغا بولغان چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئىپادىلىدى.




كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ