ئەمگەك توختامى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم قانۇن شەكلى.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئادەم ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، قانۇندا ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتىدا بىر پارچە يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، ئەمگەك توختامىنى قاچان ئىمزالاش كېرەك؟
بۇ ماقالىنى كۆرسىڭىزلا بىلىسىز!
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن رەسمىي ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، شۇڭا يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك توختامىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر رەسمىي خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئىمزالىسىمۇ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىمزالىسىمۇ بولىدۇ.
لېكىن ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەتكە كىرگەن كۈندىن باشلاپ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ