مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇا چۈنيىڭ: بۇ بىر مەسخىرە ئەمەسمۇ؟

2022.10.12 11:10 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى خۇا چۈنيىڭ 9-چېسلا كەچتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشىكى بېشىدىكى ھەيكەلنى مىسال قىلىپ، بۈگۈنكى ئامېرىكا ئۆزى تەشۋىق قىلغان ئىدىيەدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «بۇ بىر مەسخىرە ئەمەسمۇ؟» دېدى.

  خۇا چۈنيىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى (ئىشىك بېشىغا) جۇڭگو، يۇدىيە (ئىسرائىلىيەنىڭ قەدىمكى يەر نامى) ۋە قەدىمكى يۇنان دانىشمەنلىرىنىڭ ئوبرازىنى ئويدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ كۆپ مەنبەلىك، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان روھىنى نامايان قىلىغان. ئەمما، ئامېرىكا ھازىر خەلقئارادا ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىر مەسخىرە ئەمەسمۇ؟

  ماقالىسىگە يانداشتۇرۇلغان سۈرەت ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ئىشىك بېشى بولۇپ، سولدىن ئوڭغا كۇڭزى، موسا ۋە سولوننىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان.

  ھەيكەلنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ئامېرىكىلىق ھەيكەلتىراش خرمون ئاتكىنس ماكنېل، ئالاقىدار تور بېكەتلەردىكى ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى مۇددىئاسىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «قانۇن مەدەنىيەتنىڭ بىر ئامىلى، ئامېرىكا قانۇنى تەبىئىي ھالدا ئىلگىرىكى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، ئالىي سوت مەھكىمىسى بىناسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىشىك بېشىدىكى ھەيكەللەر توپى شەرقنىڭ تۈپ قانۇنى ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلاردىن ئۆرنەك ئېلىشقا سىمۋول قىلىنغان. موسا، كۇڭزى ۋە سولون ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتكە ۋەكىللىرى، شۇڭا بۇ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ئىشىك بېشىنىڭ مەركىزىي ھەيكەللەر توپى قىلىندى».

  ئۆتكەن بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا نۇرغۇن قارالمىلاردا كۆرۈنۈشتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنى جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىشقا كۈشكۈرتتى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشقان. ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئاتالمىش يېڭى نۇسخىدىكى «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونى ئاشكارا ھالدا رايونلار بويىچە ئەڭ مۇھىم خىرىس قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى، يەنە «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»نى ئامېرىكىنىڭ رايون ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزمەكچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان، بۇ ئېنىقلا جۇڭگونى قورشاپ توسۇشتەك خاتا سىگنال. ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا رىقابەت ھەم ھەمكارلىق مەۋجۇت، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى رىقابەت دەپ ئاددىي ھالدا تەبىر بېرىشكە بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەت كەسكىن رىقابەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىشىشىغا تەرەققى قىلىشى مۇمكىن. جۇڭگو ئامېرىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ بايدىن بەرگەن بىر قاتار ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىپ، گېپى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇپ، لەۋزىدە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ