مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 11- ئايدىن باشلاپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىشنى قارار قىلدى

2022.10.08 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ئوپېك) بىلەن غەيرىي ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 5- چېسلا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادا 33- قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل 11- ئايدىن باشلاپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىشنى، 8- ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارى ئاساسىدا ئايلىق مەھسۇلات مىقدارىنى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىليون تۇڭ ئازايتىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى نېفىت ئاشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كۆلىمى دۇنيا بويىچە كۈندىلىك نېفىت ئېھتىياجىنىڭ % 2 گە توغرا كېلىدۇ.


  نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرشارى ئىقتىسادى ۋە نېفىت بازىرىنىڭ ئىستىقبالىدىكى ئېنىقسىزلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، نېفىت بازىرىغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش قارارىنى چىقىرىدۇ.


  يېقىندا، بازار دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋالغۇپ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى. نيويورك خام نېفىت زاكاس مال ئاساسلىق توختام باھاسىدا ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 120 دوللاردىن ئېشىۋاتقان نېفىت بۇ يىل 6-ئايدا ھازىرقى 90 دوللارغا چۈشۈپ، بۇ يىل 2-ئايدىكى ئوكرائىنا كرزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشىدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە چۈشتى. لوندون برېنت خام نېفىتىنىڭ زاكاز مال باھاسىدىمۇ ئوخشاش يۈزلىنىش كۆرۈلدى.


  2020- يىلى 4- ئايدا، يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئامىللار نېفىت ئېھتىياجىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن غەيرىي ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. 2021-يىل 5-ئايدىن باشلاپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشقا باشلىدى. بۇ يىل 9-ئايدا، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئايلىق مەھسۇلات مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم جاكارلاپ، بۇ يىل 10-ئايدىكى ئايلىق مەھسۇلات مىقدارىنى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىڭ تۇڭ تۆۋەنلەتتى.


  5- چېسلادىكى يىغىندا يەنە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن غەيرىي ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ 34- قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ