مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتسىيە مىنىستىرلىقى: شىنجاڭ مەسلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگۇنى بېسىش، چەكلەش سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ

2022.10.08 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  سوئال: 10- ئاينىڭ 6-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 51- نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا باش بولۇپ تاپشۇرغان شىنجاڭ مەسلىسىگە ئالاقىدار قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، ئاخىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇنىڭغا جۇڭگۇ قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى شىنجاڭ مەسلىسىدىن پايدىلىنىپ قايتا-قايتا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، سىياسىي نەيراڭۋازلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈپ، تەرەققىياتىنى توسۇشنىڭ قەستىدە بولدى. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆزگە ئىلماي، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغان-ياۋىداق سەپسەتەلەرنى تارقىتىپ، ئاتالمىش قارار لايىھەسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگۇنى تىزگىنلەش» سۈيقەستىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇندى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزى روشەن، گەرچە ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بىرلىشىپ كۈچىنىڭ بارىچە باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارار لايىھەسى يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈيقەستى يەنە بىر قېتىم مەغلۇب بولدى.


  شىنجاڭ مەسلىسى ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسلىسى. جاپالىق تېرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭدا ئۇدا بەش يىلدىن كۆپرەك زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە قوغدالدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگۇنى تىزگىنلەش» رەزىل سۈيقەستى خەلقئارا جەمئ‍ىيەتنىڭ كۆڭلىگە ئايان. ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتەك رەزىل نەيرىڭىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزگە يېقىن دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3-كومتېتى يىغىنى قاتارلىق سورۇنلاردا ئۇدا ئاشكارا ھالدا جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ مەسلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوغداپ، شىنجاڭ مەسلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ھەقىقەت يەنە شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم بىلەن ھەدەپ شۇغۇللىنىش قىلمىشى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، شىنجاڭ مەسلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگۇنى بېسىش، چەكلەش سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.


  كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەقىقىي دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى. بۇ سىستېمىلىق ئىرقچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش، كۆچمەنلەر ھوقۇقىغا دەخلىي تەرۇز قىلىش، قورال-ياراغ ۋە زوراۋانلىقنىڭ يامراپ كېتىشى، يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قالايمىقان قوللىنىش، چەتئەلدە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈشنىڭ نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كەڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جاۋاب بېرىش كېرەك. بىز ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى سىياسىي نەيرەڭۋازلىق، ساختىلىق قىلىپ قارىلاش ۋە يولسىز بېسىم ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىپ، سۆھبەتلىشىپ ھەمكارلىشىش يولىغا قايتىپ، خەلقئارا ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقىي ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىمىز.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ