ب د ت مائارىپ- پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 2022- يىللىق قىزبالىلار-ئاياللار تەربىيەسى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 11- چېسلا فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خانىمى، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىزبالىلار-ئاياللار تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە ئەلچىسى پېڭ لىيۈەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى قىلدى.
پېڭ لىيۈەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى، كامبودژا ۋە تانزانىيەدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپپاراتلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
پېڭ لىيۈەن مۇنداق دېدى: قىزبالىلار-ئاياللار تەربىيەسى قىزبالىلار-ئاياللارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەرەپ. يېقىندا ئېچىلغان ب د ت مائارىپ ئىسلاھاتى باشلىقلار يىغىنىدا مائارىپنىڭ جىنس باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئاياللارغا ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان بوشلۇق بېرىش مۇراجىئەت قىلىندى. جۇڭگو قىزبالىلار–ئاياللار تەربىيەسى ئىشلىرىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش ئىقتىدارى ۋە تۆھپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
پېڭ لىيۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىزبالىلار-ئاياللار تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مېھىر-مۇھەببىتىم ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەيسەرلىكىم ئارقىلىق ئىشەنچنى يەتكۈزۈپ، قىزبالىلار-ئاياللار تەربىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، سىغدۇرۇشچان، سۈپەتلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
جۇڭگو ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلغان قىزبالىلار-ئاياللار تەربىيەسى مۇكاپاتى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قىزبالىلار-ئاياللار تەربىيەسى ساھەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىردىنبىر مۇكاپات تۈرى بولۇپ، مائارىپتىكى جىنس باراۋەرلىكى ئىدىيەسى ۋە مۇنەۋۋەر ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، جىنس باراۋەرلىكىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ