مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى! بۇ شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ

2022.10.12 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  10- ئاينىڭ 9- كۈنى شېنجېن-جياڭمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شېن-جياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى دېيىلىدۇ) قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى.

  شېن-جياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۆلىتىمىزنىڭ «ئۇزۇنىغا ۋە توغرىسىغا كېسىشكەن سەككىز» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى دېڭىز قىرغىقى قانىلىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ لىنىيە يېڭىدىن ياسالغان شېنجېن شىلى بېكىتىدىن باشلىنىپ، دۇڭگۇەن شەھىرى، گۇاڭجوۋ شەھىرى، جوڭشەن شەھىرى ۋە جياڭمېن شەھىرىدىن ئۆتۈپ، جياڭمېن-جەنجياڭ تۆمۈر يولىنىڭ جياڭمېن بېكىتىگە تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، قۇرۇلۇش ۋاقتى 5.5 يىل.

  پۈتۈن لىنىيىدە شېنجېن شىلى، شېنجېن ئايرودرومى شەرقىي ۋوگزالى، دوڭگۇەن بىنخەي قولتۇقى، نەنشا، جوڭشەن شىمالىي ۋوگزالى، خېڭلەن ۋە جياڭمېن ۋوگزالى قاتارلىق يەتتە ۋوگزال بار، بۇنىڭ ئىچىدە جياڭمېن ۋوگزالى بۇرۇن بار ۋوگزال، شېنجېن شىلى ۋوگزالى ۋە باشقا ئالتىسى يېڭى ۋوگزال.

  شېن-جياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شېنجېن شىلىدىن نەنشاغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىر، نەنشادىن جياڭمېنغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە كۆۋرۈك تونېلىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %98 كە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13.69 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 106 مېتىر كېلىدىغان جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزى تونېلى پۈتۈن لىنىيەدىكى تىزگىن خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، شېنجېن-دۇڭگۈەن تونېلى، خۇڭچىلى تاشيول-تۆمۈريول كۆۋرۈكى، شېنجېن ئايرودرومى شەرقىي ۋوگزالى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك قۇرۇلۇش پۈتۈن لىنىيەدىكى مۇھىم، قىيىن قۇرۇلۇش بولۇپ قالغان.

  شېن-جياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شەرقتە شيامېن-شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بىلەن غەربتە جياڭمېن-جەنجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى رېلىسلىق قاتناش تورىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، لىنىيە بويىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور قولايلىق يارىتىدۇ، لىنىيە بويىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ