«رايون ئىچىدىكى ئېشىندى بىلەن دۆلەتنى تەمىنلەش»تىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنى قانۇن قائىدىسىگە ئايلىنىدۇ
مۇخبىرنىڭ 10- ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 13- قېتىملىق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 35- قېتىملىق يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتى نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان (تۆۋەندە «نىزام» دېيىلىدۇ). بۇ «نىزام» 11-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇن كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە،«نىزام» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدىكى بەزى ئۈنۈملۈك سىياسەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قاتلىمىغا كۆتۈرۈپ كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈدىغان تۇنجى يەرلىك نىزامى. «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 56 ماددا بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئاشلىق زاپىسى، ئاشلىق ئوبوروتى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جىددىي كاپالەت، قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، سېتىش، توشۇش قاتارلىق كۆپ ھالقا، كۆپ ئامىللار قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئۇنىۋېرسال كاپالەتلىك قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىقنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ