باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(4)

ـــ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.21 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى

  بۇ يىللىق تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ ئاساسلىقى−شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى ۋە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىـيە مـەركىزىـي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ ئەڭ ھالقىلىقى− خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق-ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئېلىش؛ ئەڭ مۇھىمى−مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش روھى بويىچە، سىياسىي، كەسپىي ساپانى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن قانۇن نازارەتچىلىكى بۇرچىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى قانۇنچىللىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىش.

  بىرىنچى، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت ئومۇمىيەتنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى يېقىندىن چۆرىدەپ، تەپتىش فۇنكسىيەسىنىڭ دەل جايىدا، ئاكتىپ ئىش كۆرۈپ، مۇلازىمەت قىلىشىنى ئاساس قىلىمىز. سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىمىز. قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ۋە ئەيىبلەش قاتارلىق فۇنكسىيەمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش بويىچە مەخسۇس كۈرەشنى قانۇن بويىچە كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قارا جەمئىيەتكە ۋە رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چوڭ-چوڭ دېلولار، قارا ۋە رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، پەردە ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە قارىتىلغان سەزگۈرلۈكىمىزنى بوشاتماي، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە كۈچ سەرپ قىلىمىز. ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتىنى قەتئىي جازالاپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىش، بۇلاڭچىلىق، تارتىۋېلىش، ئوغرىلىق، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى، قورال-ياراغ ۋە پارتىلىتىش بۇيۇملىرىغا چېتىشلىق جىنايەت، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەركەشلىك ۋە شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالايمىز. ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشقا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش، ساختا-ناچار تاۋارلارنى ياساش-سېتىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، ساختا تالون كېسىپ باج ئالدامچىلىقى قىلىش قاتارلىق بازار ئىقتىسادىي تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداشنى كۈچەيتىپ، كارخانىغا چېتىشلىق خاتا دېلولارنى مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلارنى ئۇزاق مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ۋە ئىشەنچلىك كۆزلىمىگە ئىگە قىلىپ، دادىل تىجارەت قىلىپ راۋاجلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىمىز. مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ قانۇنچىللىق تۆۋەن چېكىنى ساقلايمىز. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە دېلو بېجىرىش، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىستېمىلىق ياخشى ئىشلەپ، باش تەپتىش قانۇنچىللىق بويىچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۆتەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. نازارەتچىلىك بىلەن تەپتىشلىكنى جىپسىلاشتۇرۇش-ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى ۋە سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش ئىشلىرىنىڭ داۋامىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، دېلولاردا ئەكس ئەتكەن خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ۋاقتىدا تەپتىش تەكلىپى بېرىپ، بىر دېلونى بېجىرىش ئارقىلىق، بىر دائىرىنى تۈزەشكە تىرىشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  ئىككىنچى، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى ئىگىلەپ، چوڭ ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەممىسىنى تەپتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، ئاخىرىغىچە تۇتىمىز. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېلو بېجىرىش داۋامىدا نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىش داۋامىدا دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەپتىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىمىز. خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەپتىش تەكلىپىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تۈرمىنى سەييارە تەپتىش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەدلىيە خادىملارنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېجىرىمىز. سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەپتىش ئىسلاھاتىنىڭ 5 يىللىق پىلانىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىسلاھاتتا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي، پاراۋانلىق دەۋالىرىنى تەپتىش قىلىش، دېلو بېجىرىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، «تۆت چوڭ تەپتىشلىك»نى ئومۇميۈزلۈك، ماس، تولۇق راۋاجلاندۇرۇشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پىروكۇرورلارنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ دېلونى ياخشى بېجىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئىشتاتلىق پىروكۇرورلارنى جانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرتكە ماس كەلمەيدىغانلارنى چېكىندۈرۈپ، شەرتكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تولۇقلاپ كىرگۈزىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇھىم تەپتىش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قاتلاممۇقاتلام ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىمىز. ئاقىل تەپتىشلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى دېلو بېجىرىشكە ياردەملەشتۈرۈش ۋە سىستېما باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش تەتقىق قىلىپ يارىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن تەپتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيەنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئىناۋىتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

  ئۈچىنچى، «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز. تەپتىش قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش، ئىختىساسلاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمەت نىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تېمىسىدىكى تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزگە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىمىز. كەسپىي تەربىيەنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، كەسپىي روھنى جارى قىلدۇرىمىز. قولغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ دېلو بېجىرىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسى بېجىرىش، خىزمەت يېتەكچىلىكى، نازارەتچىلىك-چەكلەش قاتارلىق يانداش مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھەق تەلەپ دەۋالىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە بولغان نازارەتچىلىك سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى بوشاشماي كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگىلىك-يېتەكچىلىك ئەھمىيەتگە ئىگە تىپىك دېلولارنى بېجىرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەق تەلەپ تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. مەمۇرىي تەپتىشلىكتىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقىنى قوغداپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. پاراۋانلىق دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېلو بېجىرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز. نازاراەت قىلغۇچى نازارەتنى تېخىمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەك دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەلەپچان بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېما ئىچىدە كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش قېلىپلاشماسلىق، ئادىل بولماسلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، سادىق، پاك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىدىغان بولىمىز. يۇقىرى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي ۋە كەسپىي قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم-مالىيە-ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەنىمۇ مايىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىشنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايمىز.

  ۋەكىللەر، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدىكى رولى كۈنسېرى روشەنلەشتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالايلى!

  _____________________

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەمىنلىدى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر