مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جايلار 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

مەسىلە قويۇپ ئۆگىنىپ، نەتىجە – ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىش (ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش · «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش)

2019.06.21 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  «بۇ بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى چېنىقىش ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىش بولۇپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چېڭىتتى»، «ئەسلىي ئەسەرنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇپ، قائىدىنى چۈشىنىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى پۇختىلاش كېرەك...» بىر قانچە كۈندىن بۇيان، جايلار مەركەزنىڭ تەلىپىگە قاتتىق توغرىلىنىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كۆپ خىل شەكىلدە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى قوبۇل قىلىش. جايلار شەخسلەر ئۆزى ئۆگىنىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى بويىچە ئۆگىنىش، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، نەق مەيداندا تەربىيەلەش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا بولغان تونۇشىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش ئاڭلىقلىقىمىز كۈچىيىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش يۆنىلىشىمىز ئايدىڭلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ