باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

ـــ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.21 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى

  جاڭ جۈن


  ۋەكىللەر:

  ھازىر مەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  2018-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

  2018-يىلى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا تەپتىش ئورگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، خەۋپسىزلىك ۋە مۇھىت قاتارلىقلارغا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىنى ئاساس قىلىپ، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ تەۋەلىكىنى يۆتكەش ۋە تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، سىياسىينى تەكىتلەش، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەگىشىدىغان بىر قاتار پىكىر-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەۋەلىكنى يۆتكەشنى قانۇن نازارەتچىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك، ماس، تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن قانۇن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك جىنايەت گۇماندارلىرىدىن جەمئىي 1 مىليون 56 مىڭ 616 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى، 1 مىليون 692 مىڭ 846 كىشىنى ئەيىبلىدى؛ بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %2.3 ۋە %0.8 تۆۋەنلىدى؛ جىنايى ئىشلار، ھەق-تەلەپ، مەمۇرىي دەۋا پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالنى 447 مىڭ 940 قېتىم نازارەت قىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.4 ئاشتى؛ پاراۋانلىق دېلوسىدىن 113 مىڭ 160نى دېلو ئېچىپ بېجىردى.

  بىرىنچى، تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزدۇق

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدۇق ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىنى قەتئىي قوغدىدۇق. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىڭدۈرمىچىلىككە، جاسۇسلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا ۋە بىدئەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشتۇق. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە ئەسەبىيزم جىنايى دېلوسىدا جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمىنى تەپسىلىيلەشتۈردۇق. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، بىز ئۆلكە ھالقىپ يۆتكىگەن پىروكۇرورلار شىنجاڭغا بېرىپ قەتئىي قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشكە مەدەت بەردى. قەستەن قاتىللىق قىلىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتىنى ئىزچىل قاتتىق جازالىدۇق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 59 مىڭ 717 كىشىنى ئەيىبلىدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 تۆۋەنلىدى. بۇلاڭچىلىق، تارتىۋېلىش، ئوغرىلىق قاتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان مال-مۈلۈككە چېقىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان 361 مىڭ 478 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 تۆۋەنلىدى. «قىلتاق قەرز»، «مەكتەپ قەرز پۇلى»غا چېتىشلىق ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قەتئىي جازالاپ، 2973 كىشىنى ئەيىبلىدۇق. تور تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى بويىچە 43 مىڭ 929 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.3 ئاشتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ چېگرا سىرتىدا قانۇن ئىجرا قىلىش-قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، گو شىمىن، شى خۇەن قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلوسىغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانۇن بويىچە جازالىدۇق؛ توردا قىمار ئويناش، شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش، شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان 15 مىڭ 3 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.3 ئاشتى. جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ماشىنا ھەيدەپ ئادەم سوقۇۋېتىش، بىگۇناھ كىشىلەرنى چاناپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يامان خاراكتېرلىك زور دېلولاردا، يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تېز ئارىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدۇق ۋە ئەيىبلىدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپرەك يۈز بېرىۋاتقان ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بىخەتەر ھەيدەشكە ئېغىر دەخلى قىلىش قىلمىشىنى كۆزدەپ تۇتۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېتەكچى پىكىر تۈزۈپ، بۇ خىل قىلمىشىنى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە قاتتىق جازالىدۇق، قانۇنچىل جەمئىيەتتە ھەرقانداق كىشى ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا بولمايدۇ.

  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئاتلاندۇق. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېتەكچى پىكىر تۈزۈپ، نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدىغان 11 تۈرنى ئېنىق بېكىتىپ، قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق 69 زور دېلونى ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 11 مىڭ 183 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ، 10 مىڭ 361 كىشىنى ئەيىبلىدۇق؛ رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 62 مىڭ 202 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ، 50 مىڭ 827 كىشىنى ئەيىبلىدۇق. ئەسكىلىك قىلىپ، پۇقرالارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن لونىڭدىكى «18 قېرىنداش جەمئىيىتى»، ۋېنشىدىكى «خوۋ فامىلىلىك قېرىنداشلار»، بەيچېڭدىكى شى مياۋ قاتارلىق قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق شايكىلارنى قاتتىق جازالىدۇق. پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت بولسا بىرىنىمۇ قويۇۋەتمىدۇق، قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت بولمىسا بىرىدىمۇ سان توشقۇزمىدۇق. تەپتىش ئورگانلىرى تەھقىقلەش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان قارا جەمئىيەتكە ۋە رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 9154 دېلونى قانۇن بويىچە بېكىتمىدى؛ قارا جەمئىيەت ۋە رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يوللانمىغان 2117 دېلونى قانۇن بويىچە بېكىتتى. جېجياڭ، جياڭشى، خېنەن قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇردۇق، ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنى قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق ۋە رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق زور دېلولاردا ئۆتكەلنى بىرتۇتاش چىڭ ئىگىلەپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە زەربە بېرىپ، 350 كىشىنى ئەيىبلىدۇق.

  ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشقا ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلدۇق. بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى بىلەن كېڭىشىپ، تەتقىق قىلىپ «8 ماددىلىق پىكىر»نى تۈزدۇق. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى مەخسۇس تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ۋە يوشۇرۇن سەرراپخانا ئېچىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى قاتتىق جازالىدۇق. ئومۇمنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز جەلپ قىلىش، مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق ئاممىغا تاقىلىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلغان 26 مىڭ 974 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زاڭ پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ زىياننى تولدۇرۇۋېلىشقا كۈچىدۇق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 32 تىپىك زور دېلونى ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پاتېنت، ماركا، سودا مەخپىيەتلىكى قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان 8325 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.3 ئاشتى. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى سوقۇۋېلىش، ئاستىرىتتىن بۆلۈشۈۋېلىش قاتارلىق جىنايەت بىلەن 1160 كىشىنى ئەيىبلىدۇق. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، شەندۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جىنايى ئىشلار دېلوسى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ نامراتلىشىپ كەتكەن ۋە قايتا نامراتلىشىپ كەتكەنلەر ياكى ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، 4214 ئائىلىگە 49 مىليون 50 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش-ياردەم پۇلى تارقاتتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىگە پائال قاتناشتۇق؛ مۇھىت بۇلغاشقا دائىر جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش قائىدىسىنى تۈزۈشكە باشچىلىق قىلىپ، مۇھىت، بايلىقنى قوغداشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن 42 مىڭ 195 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشتى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى 9 ئۆلكىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرى ۋە دەريا باشلىقى ئىشخانىلىرىنى «4 قالايمىقانچىلىقنى بىرلىكتە تۈزەپ، ئانا دەريانى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلدۇق. چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى 11 ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ تەپتىش ئورگانلىرى ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان «10 تۈرلۈك تەدبىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنخۇي، خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆلكە ئاتلاپ تۆكۈش، قانۇنسىز بۇلغىما چىقىرىش، قانۇنسىز كان ئېچىش قاتارلىق بىر تۈركۈم دېلولارنى بېجىرىپ، دەريا سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكى، ساھىلنىڭ يېشىللىقىنى ئورتاق قوغدىدۇق.

  تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغدىدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش دېلولىرى بېجىرىشتە دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرى، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھەممىسىگە بىردەك باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ دەۋادىكى ئورنى، دەۋا ھوقۇقى، قانۇندا قوغدىلىشىغا بىردەك مۇئامىلە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىدۇق. تارقاتقان 3 ئەدلىيە ھۆججىتىدىن 11 كونكرېت تەپتىش سىياسىتىنى يىغىنچاقلاپ، قانۇنلۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش، مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسى بىلەن يامان نىيەتتە ئىگىلىۋېلىش، شەخسىي مال-مۈلۈك بىلەن كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ مال-مۈلكى قاتارلىقلارنىڭ چەك-چېگراسىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، دېلو بېجىرىشتە جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىشنى تەكىتلىدۇق. كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر 4 تىپىك دېلو ئۆرنىكىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا تارقىتىپ بەردۇق. جاڭ ۋېنجۇڭ دېلوسىدا قانۇن بويىچە ھۆكۈمنى گۇناھسىز دەپ ئۆزگەرتىش پىكرىنى بەردۇق. مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار ئەرز دېلوسىدىن 68نى بېجىرىشكە بىۋاسىتە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن دېلودا خاتالىق كۆرۈلسە پۈتۈن دېلونى، قىسمەن خاتالىق كۆرۈلسە قىسمەن خاتالىقنى تۈزەتتۇق، ھەم سەتچىلىكنى يوشۇرۇپ قانات ئاستىمىزغا ئالمىدۇق، ھەم ھەممىنى يوققا چىقارمىدۇق.

  دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا پائال ماسلاشتۇق. بىر يىلدىن بۇيان، رېۋىزىيە-تەپتىشنىڭ جىپسىلىشىشى، ماسلىشىشى راۋان ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆزئارا چەكلەش پىرىنسىپى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلوسىنى بېجىرىش خىزمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش، دەلىل-ئىسپات يىغىش-تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇردۇق. ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت بىلەن يوللىغان 16 مىڭ 92 كىشىگە چېتىشلىق دېلونى قوبۇل قىلىپ، 9802 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، 250 كىشىنى ئەيىبلىمىدۇق، 1869 ئادەم قېتىم تولۇقلاپ تەكشۈرۈشكە قايتۇردۇق، ئەيىبلىمەسلىك نىسبىتى ۋە تەكشۈرۈشكە قايتۇرۇش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 9.5 پىرسەنت پوئىنتى ۋە 37 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىدى. سۈن جېڭسەي، ۋاڭ سەنيۈن قاتارلىق سابىق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 32 كىشىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدۇق. شۈ چاۋفەن، جياڭ لېي قاتارلىق «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»نى قوغلاپ تۇتۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ 17 دېلودىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ قېچىپ-يوشۇرۇنىۋېلىش، ئۆلۈپ كېتىش دېلوسىدا قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپىنى ئىشقا سېلىشىغا، دېلوغا چېتىشلىق زاڭ پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق.

  يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە ساقلىدۇق. ساختا-ناچار دورىلارنى، زەھەرلىك-زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ياساش-سېتىش جىنايىتى بىلەن 12 مىڭ 360 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى. چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ چاتاق ۋاكسىنا دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەھكىمىمىز ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، جىلىن تەپتىش مەھكىمىسى 18 كىشىنى قولغا ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەستىقلىدى. «ئاممىنىڭ تائام بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» بويىچە پاراۋانلىق دەۋاسى مەخسۇس نازارەتچىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، توردا زاكازلىق ساتىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پاراۋانلىق دەۋالىرىنى نۇقتىلىق بېجىردۇق. بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق لاياقەتسىز تور يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە تۈزەپ، ئاممىنى توردىن تېخىمۇ خاتىرجەم زاكازلىق يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتىنى ئىجتىھات بىلەن ئىشلىدۇق. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايىتى يېنىك ۋە جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان 15 مىڭ 205 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىدۇق، 8332 كىشىنى ئەيىبلىمىدۇق، قوشۇمچە شەرت بىلەن 6959 كىشىنى ئەيىبلىمىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.9 ۋە %13.8 ۋە %16 ئاشتى؛ قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشقا تېگىشلىك 29 مىڭ 350 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدۇق، 39 مىڭ 760 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %4.4 ئاشتى، %8.8 تۆۋەنلىدى؛ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش يېشىغا توشمىغانلارنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چەكلىدۇق، تەربىيە بەردۇق ۋە قاتتىق تۈزىدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش، ئالداپ سېتىۋېتىش، خورلاش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر داۋاملىق كۆپ يۈز بەردى، بۇلتۇر 50 مىڭ 705 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشتى، چى X نۇرغۇن نارەسىدە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ۋە پەسكەشلىك قىلىپ، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان، پەقەت مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى، مەھكىمىمىز بۇنىڭغا نارازىلىق ئەرزى بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلدى. مۇشۇ دېلودا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى ئەۋەتتۇق ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن ماس قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش، مەكتەپتە جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى مەجبۇرىي دوكلات قىلىش، قىزلار ياتىقىنى يېپىق باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. بەزى «بۆرىلەر»نىڭ توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق نارەسىدە قىزلارنى ئۆزىنىڭ يالىڭاچ رەسىمىنى تورغا يوللاشقا مەجبۇرلاش، بالىلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى ۋە جىسمانىي-روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋاللىرىغا قارىتا، نارازىلىق ئەرزى بېرىلىپ ھۆكۈم ئۆزگەرتىلگەن بىر دېلونى ئۆرنەك دېلو قىلىپ، بەدەننى ئۇچراشتۇرماي پەسكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى بالىلارنىڭ بەدىنى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ پەسكەشلىك قىلىش قىلمىشى بىلەن ئوخشاش جىنايەت قاتارىدا سۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپىنى بېكىتتۇق. مەكتەپ زوراۋانلىقىغا قارىتا دېلو ئۆرنىكى ئېلان قىلىپ، قۇرامىغا يەتكەنلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىچىك، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نەسىھەت قىلىپ توسىسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، زوراۋانلىق قىلغۇچىغا قارىتا يوللۇق قوغدانسا بولىدۇ، كۆرمەسكە سالسا، كارى يوق كېتىپ قالسا بولمايدۇ. «قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مەھكىمىمىز باشلامچىلىق قىلدى، 4 دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىن 1796 باش تەپتىش ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇنچىللىق بويىچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىدە مەخسۇس قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن جەھەتتە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدۇق.

  دېلو بېجىرىشنى ئاساس قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇق. تەپتىش ئورگانلىرى يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زىددىيەتنى پەسەيتىپ، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇپ ئىشنى تۈگىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەرتىپ بويىچە دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش بىلەنلا توختىمىدى. ئاممىدىن كەلگەن ئەرزىيەتكە ئامما مەيدانىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ، 7 كۈن ئىچىدە تەرتىپ بويىچە جاۋاب قايتۇرۇش، 3 ئاي ئىچىدە بېجىرىش جەريانى ياكى نەتىجىسىنىڭ جاۋابىنى قايتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەرزنى قوللىمايدىغان 58 مىڭ 181 ئەرزىيەت دېلوسىدا، سەۋىرچانلىق بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ گۇمانىنى يېشىپ، دەۋالاشقۇچىلارنى قايىل قىلدۇق. «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى ئىزاھلاشنى پۇختا ئىشلەپ، يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو ئۆرنىكىدىن 4 تۈركۈمدە 13نى يېڭىلىدۇق ۋە ئېلان قىلدۇق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «كۈنشەن قاتىللىققا قارشى تۇرۇش دېلوسى»نى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، جياڭسۇ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئالدىن ئارىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دېلو خاراكتېرىنى بېكىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ دېلونى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى قوللىدۇق ۋە بۇ دېلونى يوللۇق قوغدىنىشنىڭ تىپىك دېلو ئۆرنىكى قاتارىدا ئېلان قىلدۇق؛ فۇجوۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋ يۈنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارالىق كۆرسىتىش جەريانىدا قانۇنسىز دەخلىي-تەرۇز قىلغۇچىنى ئېغىر يارىلاندۇرۇش ئەھۋالىنى يوللۇق قوغدىنىش دەپ بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى، قانۇننىڭ قانۇنسىزلىققا يول بەرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىدۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر