باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(2)

ـــ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.21 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككىنچى، دەۋا ھەرىكىتىدىكى قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدىدۇق

  تەپتىش نازارەتچىلىكى نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش ئەمەس، نازارەت قىلغۇچى بىلەن نازارەت قىلىنغۇچىنىڭ نىشانى ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى خەلقنى مەركەز قىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

  جىنايى ئىشلار دەۋاسى نازارەتچىلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇردۇق. جىنايەتكە چېتىشلىق، لېكىن قولغا ئېلىش زۆرۈر بولمىغان 116 مىڭ 452 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلدۇق، جىنايى قىلمىشى يېنىك، قانۇن بويىچە جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلمىسىمۇ بولىدىغان 102 مىڭ 572 كىشىنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %4.5، %25.5 ئاشتى. جىنايىتىنى بوينىغا ئالغان ۋە جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش دېلولىرىنى بېجىرگەندە يېتەكچىلىك قىلىش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە قاراپ چىققان دېلولاردىن تەپتىش ئورگانلىرى تەكلىپ بەرگەنلىرى %98.3نى ئىگىلىدى، جازا ئۆلچەش تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %96كە يەتتى. ناھەق-خاتا دېلولارنى تۈزىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بوشاشماي چىڭ تۇردۇق. جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدىغان ياكى دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك بولمىغان 168 مىڭ 458 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىقنى، 34 مىڭ 398 كىشىنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %15.9ۋە %14.1 ئاشتى. بايقالغان ناھەق-خاتا دېلولارغا ۋاقتىدا نازازىلىق ئەرزى ۋە قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە تەپتىش تەكلىپى بەردۇق، خاتالىقنى تۈزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساۋاقنى چوڭقۇر يەكۈنلىدۇق. مەھكىمىمىز قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە تەپتىش تەكلىپى بەرگەن «لى جىنليەننىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش دېلوسى» ۋە «زوۋ جۈنمىننىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ-سېتىش دېلوسى»نىڭ ھۆكۈمى ئۆزگەرتىلدى. جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو ئېچىش، تەھقىقلەش، سوت قىلىش پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. دېلو بولسىمۇ ئاچماسلىق، جىنايىتى بولسىمۇ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك ۋە نامۇۋاپىق دېلو ئېچىش، ھوقۇقىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەھقىقلەش ئورگانلىرىنىڭ 22 مىڭ 215 دېلونى ئېچىشىغا، 18 مىڭ 385 دېلونى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم –ئايرىم ھالدا %19.5 ۋە %32 ئاشتى؛ تەھقىقلەش ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز يول بىلەن ئىسپات ئېلىش، مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىشى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا 58 مىڭ 744 پارچە يازما تۈزىتىش پىكرى بەردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.8 ئاشتى. ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارالغان جىنايى ئىشلار ھۆكۈمى ۋە كېسىمىدىن 8504ىگە نارازىلىق ئەرزى بەردۇق، سوت مەھكىمىسى 5244ىنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتتى ۋە قايتا سوت قىلىشقا قايتۇردى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.2 ۋە %8.4 ئاشتى. جىنايى ئىشلار ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتۇق. 39 مىڭ 287 ئادەم قېتىم نامۇۋاپىق جازا يېنىكلىتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ۋە ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تۈزەتتۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.9 ئاشتى؛ قاراپ چىقىشتىن بۇرۇن ۋە قاراپ چىقىش جەريانىدا داۋاملىق قامىمىسۇ بولىدىغانلارنى قويۇپ بېرىش ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردۇق، دېلو بېجىرگەن ئورۇن 64 مىڭ 106 كىشى ئۈستىدىكى دېلودا تەكلىپنى قوبۇل قىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئاشتى؛ ئەمەلىي جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جىنايى جازانى ئىجرا قىلمىغان 3031 ئادەمنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتتۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشتى؛ مال-مۈلۈك جازاسىنى ئىجرا قىلىش بويىچە مەخسۇس نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 31 مىڭ 464 پارچە يازما تۈزىتىش پىكرى بەردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشتى؛ مال-مۈلۈك جازاسىغا دائىر 28 مىڭ 52 دېلونىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئىجراسى ئاياغلاشقان سومما 550 مىليون يۈەن بولدى؛ مەھەللىدە جازا ئۆتەۋاتقانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق، باشقۇرۇشتىن چىقىپ كېتىش ۋە باشقۇرۇشسىز قېلىش ئەھۋاللىرى ئازايدى، بۇلتۇر 4439 كىشى ئۈستىدىكى خاتالىقنى تۈزەتتۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.8 تۆۋەنلىدى. لىڭيۈەن 3-تۈرمىسىدىن جىنايەتچى قېچىپ كەتكەندە ئاشكارىلانغان ۋاكالەت نازارەتچىلىكىنىڭ سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، 12 ئۆلكىنىڭ تۈرمىنى سەييارە تەپتىش قىلىش ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنىدا «ۋاكالەت نازارەتچىلىكى+سەييارە» تەپتىشلىك ئۇسۇلىنى ئېنىق بەلگىلىدۇق.

  ھەق تەلەپ دەۋاسى نازارەتچىلىكىگە ئەھمىيەت بەردۇق. ھەق تەلەپ نارازىلىق ئەرزىنىڭ دەللىكىگە كۈچىدۇق. دىققىتىمىزنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، سىياسەت يېتەكچىلىكى، قانۇن تەتبىقلاش جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىلغان ۋە يېتەكلەش قىممىتى بار تىپىك دېلولارغا قارىتىپ، نارازىلىق ئەرزىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى دېلولارغا بولغان يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارالغان باشقا ئايرىم دېلولاردا تەپتىش تەكلىپى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خاتالىقنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولدۇق. جەمئىي 3933 پارچە ھەق تەلەپ نارازىلىق ئەرزى سۇندۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.1 ئاشتى، سوت مەھكىمىسى 1982 دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 1499 دېلو ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتتى، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇردى، مۇرەسسە قىلدى ۋە ياراشتۇرۇپ ئەرزنى قايتۇردى؛ قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە 4087 پارچە تەپتىش تەكلىپى بەردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.1 ئاشتى، سوت مەھكىمىسى 2132 دېلودا قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىنى ئىشقا سالدى. مەھكىمىمىز 33 تىپىك دېلو ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بەردى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشتى. نازارەت قىلغان دېلولاردىن ئىنكاس قىلىنغان ھەق تەلەپ دەۋاسى ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەپتىش تەكلىپى بېرىپ، ئىجابىي ئىنكاسقا ئېرىشتۇق. ساختا دەۋالارنى قاتتىق جازالىدۇق. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى تۈزۈپ، 1484 «ساختا دەۋا»نى نازارەت قىلىپ تۈزەتتۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 48.4 ئاشتى؛ جىنايەتكە چېتىشلىق 500 كىشىنى ئەيىبلىدۇق.بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.3 ئاشتى؛ سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلدۇق ۋە قوللىدۇق. تاللاپ ئىجرا قىلىش، دائىرىدىن ھالقىپ پېچەتلەش ۋە تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارغا قارىتا 23 مىڭ 814 پارچە تەپتىش تەكلىپى بەردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئاشتى؛ ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋالى ئېغىر بولغان 2376 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.9 ئاشتى.

  مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتۇق. ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارالغان مەمۇرىي ھۆكۈم-كېسىملەرگە 117پارچە نارازىلىق ئەرزى بەردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 تۆۋەنلىدى؛ قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە 90 پارچە تەپتىش تەكلىپى بەردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشتى. يەر ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى دېلولارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلدۇق. غەيرىي مەمۇرىي دەۋا ئىجراسىنى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېجىرىشىنى نازارەت قىلىپ، 6528 پارچە تەپتىش تەكلىپى بەردۇق، 5117 پارچە تەكلىپ قوبۇل قىلىندى. ئەدلىيە خادىملىرى ئۆتكۈزگەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. بۇلتۇر 10-ئايدا تۈزىتىلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا تەپتىش ئورگانلىرىغا ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىش، قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنى تەھقىقلەش ھوقۇقى بېرىلدى، بۇ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى قوغداشتىكى مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى. مەھكىمىمىز يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى قائىدە بويىچە ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى تەپتىش ئورگانلىرى 71 كىشى ئۈستىدىن دېلو ئېچىپ تەھقىقلىدى.

  ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلدۇق ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردۇق. ئادۋوكاتلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە توسالغۇ بولىدىغان ئەرز-شىكايەتلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىپ 1011 دېلونى تۈزەتتۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.8 ئاشتى. ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، دېلو ماتېرىياللىرىنى باشقا جايدا تۇرۇپ توردا كۆرۈش ۋە كۆرۈشۈشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ توردا كېلىشىش ئىلتىماسىدىن 109 مىڭ ئادەم قېتىم قوبۇل قىلدۇق، ئادۋوكاتلارنىڭ دېلو بېجىرىشىگە ئامالنىڭ بارىچە قولايلىق يارىتىپ بەردۇق. 14 مىڭ 184 ئادۋوكاتنى تەپتىش ئورگانلىرىدا نۆۋەتلىشىپ تۇرۇپ، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىشكە قاتنىشىشىقا تەكلىپ قىلىپ، ئەرزىيەتتىكى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى بىرلىكتە ياخشى قوغدىدۇق.

  ئۈچىنچى، پاراۋانلىق دەۋاسىنى قانۇن بويىچە كېڭەيتىپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئالىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق

  بىز پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە پاراۋانلىق دەۋاسى تەپتىشلىك يولىنى ئىزدىنىپ ئاچتۇق، بۇنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى ياخشى بولدى. پۈتۈن بىر يىلدا ھەق تەلەپ پاراۋانلىق دەۋاسىدىن جەمئىي 4393نى، مەمۇرىي پاراۋانلىق دەۋاسىدىن 108 مىڭ 767نى دېلو ئېچىپ بېجىردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىق قوغداشقا چېتىلىدىغىنى 59 مىڭ 312، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغىنى 41 مىڭ 118، دۆلەت مۈلكىنى قوغداشقا چېتىلىدىغىنى 10 مىڭ 25 ، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىلىدىغىنى 2648، قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا چېتىلىدىغىنى 57. دېلو بېجىرىش ئارقىلىق، 2 مىليون 110 مىڭ مو بۇلغانغان-بۇزۇلغان تېرىلغۇ يەر، سۇلۇق يەر، ئورمان يېرى ۋە ئوتلاقنى تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق، 20 مىليون توننا قاتتىق تاشلاندۇق ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىنى تازىلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق؛ 400 مىڭ كىلوگرام ساختا، ناچار يېمەكلىكنى، 9606 كىلوگرام ساختا دورا ۋە ئەتكەس دورا بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە يىغىۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق؛ 25 مىليارد 700 مىليون يۈەنلىك دۆلەت مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق؛ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىت تۈزەش خىراجىتىدىن 3 مىليارد يۈەن تۆلىتىۋالدۇق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سالغان زىياننى تۆلىشى شەرت.

  ئىككى تەرەپ مەنپەئەتلىنىش، كۆپ تەرەپ مەنپەئەتلىنىش ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئىدىيەسىنى تىكلىدۇق. پاراۋانلىق مەمۇرىي دەۋاسى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ماھىيىتى ــ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە ياردەملىشىش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك مەدىتىگە ئېرىشىش. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەپتىش پاراۋانلىق دەۋاسىغا دائىر مەخسۇس قارار چىقاردى، مەزكۇر ئۆلكىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەسىلىلىرىگە چېتىشلىق 387 كىچىك كۆمۈر كاننى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تاقاپ ۋە تۈزەپ، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەسىلىلەر ۋە جىنايەت مەسىلىلىرى يىپ ئۇچىدىن 132نى بايقىدى؛ ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان دېلولاردا، تەپتىش پىكرى بېرپ، مەسئۇل ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. پاراۋانلىق دەۋاسى دېلولىرىدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىش قىيىن بولۇش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش قىيىن بولۇش، ئەدلىيەلىك باھالاش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقاردۇق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 9 مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت بىلەن ھەمكارلىق پىكرى ئىمزالىدۇق؛ خېبېي، شاڭخەي، گۇاڭشى، شەنشى قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ھەمكارلىق-ھەمتۈرتكە مېخانىزمى بەرپا قىلدى. پاراۋانلىق دېلوسى بېجىرىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنى تولۇق قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  دەۋادىن ئىلگىرى ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتىشنى ئەڭ ياخشى ھالەت دەپ قارىدۇق. تەپتىش ئورگانلىرى دەۋادىن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش ياكى تەپتىش پىكرى چىقىرىش ئارقىلىق، ئالاقىدار سۇبيېكتنىڭ ئەيىبلىشىگە، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى دەل ۋاقتىدا قوغداپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ ئاز ئەدلىيە سېلىنمىسى بىلەن ئەڭ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جەمئىي 102 مىڭ 975 دېلونى دەۋادىن ئىلگىرىكى تەرتىپ بويىچە بېجىردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ 1721 دېلو ئۈستىدىن ھەق تەلەپ پاراۋانلىق دەۋاسى قىلىشىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەيدەكچىلىك قىلدۇق؛ مەمۇرىي ئورگانلارغا 101 مىڭ 254 پارچە تەپتىش پىكرى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭ 97.2 پىرسەنتى قوبۇل قىلىندى، تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر دەۋادىن ئىلگىرى ھەل قىلىندى. چاڭشا شەھىرىدىكى بوجياجوۋ شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئىچىملىك سۇ مەنبەسى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، پاسكىنا سۇنى بىۋاسىتە چىقارغان. تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىش پىكرى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزلىكتە شۇ جايدىكى خەلقنى كۆچۈرۈپ، خىلاپ قۇرۇلۇشنى چېقىپ ۋە يېمەك-ئىچمەك كېمە-پاراخوتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، قول تۇتۇشۇپ بىر مەيدان «سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭى» قىلدى.

  دەۋا قىلىشنى جانلىق قانۇنچىللىق دەرسىگە ئايلاندۇردۇق. دەۋادىن ئىلگىرىكى تەپتىش پىكىرلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشمىگەنلىرىنى دەۋا قىلىشقا، سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق بىر تەرەپنى ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتكە تەربىيە بەردۇق. 3228 پاراۋانلىق دەۋاسى قىلدۇق، 1526 دەۋاغا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقاردى، ئەيىبلەش پىكرىدىن 1525 پارچىسىنى قوللىدى. چۇڭچىڭ شەھىرى رۇڭچاڭ رايونى لەيشىخې دەريا ساھىلى باقمىچىلىق چەكلىنىدىغان رايونىدا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 286 ئائىلە بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىپ، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ گەندە-سۈيدۈكلىرىدىن بۇلغانغان پاسكىنا سۇنى بىۋاسىتە دەرياغا قويۇۋەتكەن. تەپتىش ئورگانلىرى 16 كوچا-بازارغا تەپتىش پىكرى چىقىرىپ، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلغان گۇچاڭ بازارلىق ھۆكۈمەت ئۈستىدىن پاراۋانلىق دەۋاسى قىلىپ سوتتا قوللاشقا ئېرىشتى، بېقىش چەكلىنىدىغان رايوندىكى دەريا-ئېقىنلارنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  قانۇن ئارقىلىق قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ ئىززىتىنى قوغدىدۇق. قەھرىمان-قۇربانلارنى قوغداش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سۈرىتى، ئابرۇيى ۋە شان-شەرىپىگە، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن 21 قىلمىشقا قارىتا، ئۇقتۇرۇش چىقىرىش ياكى يۈز تۇرانە پىكىر ئېلىش ئارقىلىق قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق؛ دەۋا قىلىنمىغانلىرىغا قارىتا، جياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى ھەق تەلەپ بويىچە 6 پاراۋانلىق دەۋاسى قىلدى؛ قەھرىمان-قۇربانلار خاتىرە ئەسلىھەلىرىنى قوغدىيالمىغانلارغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلارغا 36 پارچە تەپتىش پىكرى ئەۋەتتۇق، ھەممىسى قوبۇل قىلىندى، قەھرىمان-قۇربانلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداپ، قەھرىمانلارنىڭ روھىنى تەسكىن تاپقۇزدۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر