باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(3)

ـــ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.21 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆتىنچى، تەپتىشلىك، نازارەتچىلىك ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق بولغان يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماسلاشتۇق

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش-يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشنى يېڭى دەۋردىكى خەلق پىروكۇرورلىرىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئايلاندۇردۇق.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاڭلىق ھالدا ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن پىروكۇرورلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش ۋە توردا مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى پىكرى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزلەشتۈردۇق. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلدۇق ۋە ئۇنى ئىجرا قىلدۇق، ئاساسىي قانۇن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززىتىنى ساقلىدۇق، نوپۇزىنى قوغدىدۇق. تەپتىش ئورگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تولۇق تەييارلىنىپ قايتىدىن يولغا چىقتۇق. «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» جاڭ بياۋ، «مەملىكەتلىك نەمۇنىچى پىروكۇرور» جوۋ خۇيمىڭ قاتارلىق قەھرىمان-نەمۇنىچىلارنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى دەۋر پىروكۇرورلىدىن بولدۇق.

  ئىچكى ئاپپاراتنىڭ سىستېمىلىق ۋە قايتا قۇرۇش خاراكتېرىدىكى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭى دەۋردە خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا، ئالدى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىدىكى يېتىشەلمەسلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىمىز شەرت. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەپتىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئالدى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن باشلىدۇق. قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ۋە ئەيىبلەش فۇنكسىيەسىنىڭ باغلىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، ئايرىم يۈرگۈزگەندە دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قولغا ئېلىش ۋە ئەيىبلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بىر دېلودا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ۋە ئەيىبلەشكە ئوخشاش بىر دېلو بېجىرىش گۇرۇپپىسى، ئوخشاش بىر پىروكۇرور ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولۇشقا ئۆزگەرتتۇق. ھەق تەلەپ ئەرزى ۋە مەمۇرىي ئەرزنىڭ سىجىل ئېشىشىنى، نازارەت قىلىنىدىغان دېلولارنىڭ كۆپلەپ بېسىلىپ قېلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جىنايى ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا سەل قاراش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەق تەلەپ ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتىنى ئايرىپ تەسىس قىلدۇق. ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تاپشۇرۇق ۋە قانۇن بەرگەن ھوقۇققا سادىق بولۇپ، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس پاراۋانلىق دەۋاسى تەپتىش ئاپپاراتى تەسىس قىلدۇق. بۇلتۇر 12-ئايدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى ئاپپارات ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشتى، يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇردى. جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ۋە پاراۋانلىق دەۋالىرى تەپتىشلىكى، قانۇن نازارەتچىلىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

  قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەپتىش خادىملىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە پىروكۇرورلار دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىروكۇرورلار مۇستەقىل ۋەزىپە ئۆتەش تەرتىپى ۋە مائاش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، تەپتىش خادىملىرىنى كەسىپ جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈردۇق. مەمۇرىي رايون ھالقىغان تەپتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، مۇناسىۋەتلىك تەپتىش ئورگىنىنى جياڭسۇ، خېنەن، ئەنخۇي 3 ئۆلكىنىڭ سۇ دائىرىسى بۇلغىنىشقا چېتىشلىق دېلونى باشقا جايدا بېجىرىشكە بېكىتتۇق؛ شاڭخەينىڭ چاڭجياڭ دېلتىسى مۇھىتىنى ئاسراشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەپتىش قىلىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىشىنى قوللىدۇق. 2018 — 2022 يىلغىچە بولغان تەپتىش ئىسلاھاتى خىزمەت يىرىك پىلانىنى تۈزدۇق، كىشىلەر 46 تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە بەكرەك دىققەت قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتتى.

  كەسپىي قۇرۇلۇشنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈردۇق. كەڭ كۆلەملىك، مۇنتىزملاشقان تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇردۇق، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 17 مىڭ ئادەم-قېتىم بىۋاسىتە تەربىيەلىدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشتى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زور، چىگىچ، مۇرەككەپ دېلولارنى باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىشىنى تەلەپ قىلىپ، دېلو بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولدۇق. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىش سوت ھەيئىتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويدى، ھەر دەرىجىلىك باش تەپتىش ۋە مۇئاۋىن باش تەپتىشلەر سوت ھەيئىتى يىغىنىغا 8713 ئادەم-قېتىم سىرتتىن قاتناشتى، ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىكى باش تەپتىشلەرنىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىم تولۇق قاتناشتى. ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان كەسپىي سۇپا «تەپتىش جاۋابلىرى تورى»نى بەرپا قىلىپ، 11 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردۇق. «ئەقىل سوراش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 103 مۇتەخەسسىس-ئالىم، قانۇن ساھەسىدىكى ۋەكىل، ئەزا ۋە ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، دېلو بېجىرىشتە مەسلىھەت سوراش ھەيئىتى قۇردى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كادىرلارنى ئۆزئارا ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، دېلو بېجىرىش كەسپىي سەۋىيەمىزنى پۇختا يۇقىرى كۆتۈردۇق.

  قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى ئاسرىغانلىق دېگەندە چىڭ تۇردۇق. تەپتىش گېربىنى چاڭ بېسىپ قالسا بولمايدۇ، ھوقۇقنى ياخشى باشقۇرۇش شەرت. تىغنى ئۆزىمىزگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ 9 ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگانلىرىدىكى 4 نازىر دەرىجىلىك ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپىسىغا قارىتىلغان سىياسىي كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك باش تەپتىشلەر يىغىنىدا كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئىسم-فامىلىسىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدۇق، ھەقىقەتەن يۈزىنى قىزارتتۇق، تەرلەتتۇق. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، 774 نەپەر تەپتىش خادىمى ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.4 ئاشتى. تەپتىش خادىملىرى ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان تىپىك دېلودىن 49نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتتۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى بوشاشماي داۋاملاشتۇردۇق.

  بەشىنچى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەپتىش ھوقۇقىنىڭ قائىدىلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق

  خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى خەلقنى مەركەز قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلققە مەسئۇل بولۇشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، تىرىشىپ خەلقنىڭ سىنىقىدىن ياخشى ئۆتۈشى كېرەك.

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. 4 دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى تېلېۋېزىيە-تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدۇق ۋە ئىزچىللاشتۇردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە ئىجرا پائالىيىتى قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى مەخسۇس دوكلات قىلىپ، تۇنجى قېتىم مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى بىلەن تەشەببۇسكار پىكىرلىشىپ، قانۇن چىقىرىش تەكلىپىنى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇق. ۋەكىللەرنىڭ 124 تەكلىپىنى كۆڭۈل قويۇپ بېجىرىپ، بېجىرىشتىن بۇرۇن ئالاقىلاشتۇق، بېجىرىش داۋامىدا پىكىرلەشتۇق ۋە بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئەھۋال ئۇقۇشتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تاپشۇرغان ئاممىنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېجىردۇق ۋە ياخشى ئىنكاس قايتۇردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دوكلاتقا قاراپ چىقىش، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان 3293 تەكلىپ-پىكىرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 98نى تەكلىپلىك نازارەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، 365 ۋەكىلنى دېلونى ئوچۇق تەكشۈرۈشنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، نازارەتنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلدۇق.

  دېموكراتىك نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتلەرنى خەۋەر قىلدۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق. 47 پارچە سىياسىي كېڭەش تەكلىپىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردۇق ھەمدە جاۋاب قايتۇردۇق. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتىنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلىپ، تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئالاقىلىشپ، سەمىمىيلىك بىلەن نازارەتچىلىك پىكرىنى ئاڭلىدۇق. مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلدۇق.

  مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش چەكلىمىسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. سوت مەھكىمىسى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان ئەيىبلەنگەن دېلولارنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق. ج خ ئورگانلىرى قايتا قاراپ چىقىش، قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلغان قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغان، ئەيىبلەنمىگەن دېلولارنى قانۇن بويىچە پۇختا تەكشۈرۈپ، 773 ئادەم ئۈستىدىكى ئەسلىي قارارنى ئۆزگەرتتۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئاشتى. قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرمىنى سەييارە تەپتىش قىلىشتا يېڭىلىق ياراتتۇق ۋە قوللاشقا ئېرىشتۇق.

  ئاڭلىق ھالدا ئاشكارىلىق ئارقىلىق ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈردۇق. 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىنى يېڭىلاپ قۇردۇق، تۆت دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەمەلىي گەۋدە، قىزىق لىنىيە، توردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپىنى ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر جايدىلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. كۆپ تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئېلان قىلغان 2 مىليون 260 مىڭ دېلو بېجىرىش ئۇچۇرى ۋە 1 مىليون 110 مىڭ پارچە قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ ئادىل ياكى ئادىل ئەمەسلىكىگە ئاۋام باھا بەردى. «تەپتىشلىكنى ئېچىۋېتىش كۈنى»نى دائىملىق قانات يايدۇردۇق، ھەر ساھەدىكى 135 مىڭ كىشى تەپتىش مەھكىمىسى ۋە پىروكۇرورلارنى زىيارەت قىلىپ، تەپتىش خىزمىتىنى چۈشەندى ۋە نازارەت قىلدى. «باش پىروكۇرور مۇنداق دەيدۇ»، «كېلەچەك ئۈچۈن» قاتارلىق پىروگراممىلارنى مەركەز تاراتقۇلىرىدا تارقىتىپ، بارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ تەپتىش ھېكايىسىنى تېزلىكتە ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەتكۈزدۇق.

  ۋەكىللەر، بىر يىلدىن بۇيان، بىز دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلدۇق ۋە كاپالەتلىك قىلدۇق. شىنجاڭدا كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ تەپتىش خىزمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىرىپ، تەپتىش سىستېمىسى بويىچە ياردەم بېرىشكە ئائىت «30 ماددىلىق پىكىر»نى تۈزۈپ، تەپتىش ئارقىلىق شىزاڭغا، شىنجاڭغا ۋە چىڭخەيگە ياردەم بېرىش ۋە جياڭشى-فۇجيەن-گۇاڭدۇڭنىڭ ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونى تەپتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قوللاشىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، خەينەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى قاتارلىقلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۈنۈملۈك قانۇنچىللىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.

  ئالاھىدە توپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاياللارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن 21 مىڭ 949 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى. دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى قانۇن بويىچە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يامان غەرەز بىلەن ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش جىنايىتى بىلەن 2361 كىشىنى ئەيىبلەپ، دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ 11 مىڭ 54 دەۋاسىنى قوللىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %1.4 ۋە %105.2 ئاشتى. ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن 41 مىڭ 478 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 تۆۋەنلىدى، ياشانغانلارنى كۈتۈشكە مەبلەغ سېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئاسراش نامى بىلەن ياشانغانلارنى ئالداش، بوزەك قىلىش جىنايەتلىرىنى گەۋدىلىك جازالىدۇق. مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قەتئىي جازالاپ، 5439 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن ئوخشاش بولدى. ئىناق دوختۇر-بىمار مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دوختۇرلارنى زورلۇق كۈچ بىلەن زەخمىلەندۈرۈش، دوختۇرخانىدا توپلىشىپ قالايمىقانچىلىق تېرىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى داۋاملىق قاتتىق جازالاپ، 3202 ئادەمنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 تۆۋەنلىدى.

  بىز دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتى، ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ھەربىي-يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلدۇق. ھەربىيگە چېتىشلىق جىنايەت سادىر قىلغان 407 كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشتى. 122 نەپەر قانۇنسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ۋاقتىدا ئەدلىيە جەھەتتىن قۇتقۇزدۇق. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىدۇق.

  بىز قېرىنداشلار ئارا مېھر-مۇھەببەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چياۋمىنلارغا چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بېجىرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چياۋمىنلارغا چېتىشلىق دېلوغا مۇناسىۋەتلىك 10 مىڭ 115تىن ئارتۇق كىشىنى ئەيىبلىدۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.9 تۆۋەنلىدى. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردۇق. فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان «18 ماددىلىق پىكىر»نى تۈزۈپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق.

  بىز ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇق. دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ تارماق مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەپتىش ئورگانلىرى ۋە خەلقئارا پىروكۇرورلار بىرلەشمىسى بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام، جۇڭگو-قازاقىستان، جۇڭگو-نېپال قاتارلىق چېگرا رايون تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بولغان بىۋاسىتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانى تۈزەش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشۇشقا تىرىشىپ، جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق پاراسىتى ۋە جۇڭگونىڭ تەپتىش ئاۋازىنى تېخىمۇ يىراققا تارقاتتۇق.

  ۋەكىللەر، بىر يىلدىن بۇيان، تەپتىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارىتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنىڭ نەتىجىسى، ئوخشاشلا دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ماسلىشىشى ۋە چەكلىشى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ھەمدە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

  بىز تەپتىش خىزمىتىدە ھېلىھەم خېلى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇق، بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، دېلونى ئاددىي بېجىرىش، قانۇننى مېخانىك يۈرگۈزۈش ھېلىھەم مەۋجۇت. ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك تەپتىش خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، ھەق تەلەپ تەپتىشلىكى، مەمۇرىي تەپتىشلىك ئاساسىي قاتلامدا ئىنتايىن ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئەدلىيە دېلوسى بېجىرىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى نارازىلىق ئەرزى ۋە تەپتىش تەكلىپلىرىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى ئەمەس، خېلى كۆپ نازارەتچىلىك پىكرى بېرىلگەندىن كېيىن ئەگىشىپ ئەمەلىيلەشمىدى. قانۇن يۈرگۈزۈش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىلىرى پات-پات يۈز بېرىۋاتىدۇ. تۆتىنچىدىن، قوشۇننىڭ سىياسىي كەسپىي ساپاسىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە، تور، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ خېلى كۆپ شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزەلمەيۋاتىدۇ، تۇتۇپ قالالمايۋاتىدۇ. بەشىنچىدىن، تەپتىش خادىملىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەر ئاز ئەمەس، مەسىلە يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالتىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشمىدى، بەزىلىرى ئىجرا داۋامىدا ئۆزگىرىپ كەتتى؛ تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلە ئادەمنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشقا قىستايدۇ. بىز چوقۇم ئۇنى چىڭ تۇتۇپ كۈچەپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر