مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.06.17 16:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن يەنىمۇ قويۇق ئالاقە باغلىشى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئاڭلىق ھالدا ۋەكىللەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، بۇ يىل دائىمىي كومىتېت دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى ئورناتتى. 5- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ توققۇز ۋەكىلى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ تەسىراتىنى بايان قىلدى، ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلىدى، تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شاۋكەت ئىمىن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىغا ئەڭ پىششىق، خەلق ئاممىسىنىڭ تەشنا بولىدىغىنى، ئويلايدىغىنى، ئۈمىد قىلىدىغىنىنى ئەڭ ئېنىق بىلىسىلەر، ناھايىتى ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردىڭلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. دائىم ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەشۋىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئامما ھەل قىلىشقا ئەڭ تەقەززا، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. نامرات ئاھالە بىلەن ئالاقىلىشىپ، نامرات ئاھالىنى زىيارەت قىلىپ، نامرات ئاھالىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەتراپىدىكى ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تەسىر كۆرسىتىپ، بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئىرادە جەھەتتە يۆلەش ۋە ئەقىل جەھەتتە يۆلەشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ۋەكىللەرنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بۇ يىل ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ۋەكىللەرنى دىققىتىنى نامراتلارنى يۆلەشتىكى سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامرات ناھىيە، يېزا، كەنت، ئائىلىلەرگىچە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىش، مەسىلىلەرنى تېپىش، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەشكىللەش كېرەك؛ ۋەكىللەرگە ئالاقىدار تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەر ۋە ئاممىنى رازى قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ