لى كېچياڭ: ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز

2019.06.21 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 - ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا «دۇنيا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى»نىڭ 7 – نۆۋەتلىك يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۆلەت ھالقىغان داڭلىق شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سنېيدېر ئېلېكترىك چەكلىك شىركىتى، تەيگۇ گۇرۇھى، ئارسېلورمىتال گۇرۇھى، فىزېر دورا ياساش چەكلىك شىركىتى، دائىملېربېنزى، بىرلەشمە تېز يەتكۈزۈش شىركىتى، نوكىيا، خيات مېھمانسارىيى گۇرۇھى، ABB گۇرۇھى، BHP شىركىتى قاتارلىق 20گە يېقىن دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك شىركەتنىڭ مەسئۇلى يۇغۇرما تەرەققىيات، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى ۋە سوئال سورىدى. لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يەردە ئولتۇرغان كارخانىچىلار ۋەكىللىكىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە خېلى بۇرۇنلا قاتنىشىپ، جۇڭگوغا مەبلەغ، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، جۇڭگودا كەڭ بازار ئېچىپ، جاۋابقا ئېرىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، بىز دۇنيا ئىقتىساد - سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تىنچ خەلقئارا مۇھىتنى قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ