مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېتەكچى پىكىر تارقاتتى

يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.06.20 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  ● 2022-يىلىدىن ئىلگىرى يېڭى دەرسلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭى دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىش كېرەك

  ● دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇتۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك

  ● ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نوقۇل ھالدا ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خاھىشىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىي پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئادەم كۈچى يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىش خىزمەت نىشانىنى چۆرىدەپ ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىك ئىمتىھان مائارىپى خاھىشىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، مائارىپ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ماسلىشىشى، ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2022-يىلىغا بارغاندا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرس ۋە يېڭى دەرسلىكلىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەم خاسلىققا ئىگە تەرەققىي قىلىشىغا ماس كېلىدىغان مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ ئىلمىي بولغان ئوقۇتۇشنى باھالاش ۋە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ