مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نازىر دەرىجىلىك ئىككى كادىر ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى

2019.06.20 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 19- چېسلا نازىر دەرىجىلىك ئىككى كادىرنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى، كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ئەنۋەر ئابدۇراخماننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ئەنۋەر ئابدۇراخمان، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ بۈگۈرلۈك، 1970- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ رايون ئىقتىسادشۇناسلىقى كەسپىدە ئاسپىرانت بولۇپ ئوقۇغان، 1992- يىلى 1- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1993- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن .

  1993- يىلى 8- ئايدىن 1995- يىلى 12- ئايغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان ( 1994- يىلى 3- ئايدىن 1995- يىلى 12- ئايغىچە، ۋەزىپە بىلەن كورلا شەھىرى توبۇلىچى يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن)؛

  1995- يىلى 12- ئايدىن 1999- يىلى 1- ئايغىچە كورلا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  1999- يىلى 1- ئايدىن 2000- يىلى 9- ئايغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2000- يىلى 9- ئايدىن 2002- يىلى 2- ئايغىچە، قاراشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2002- يىلى 2- ئايدىن 2006- يىلى 1- ئايغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2006- يىلى 1- ئايدىن 2013- يىلى 4- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا: 2006- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 11- ئايغىچە ئامېرىكا ۋۇدېبورۇي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان؛ 2010- يىلى 3- ئايدىن 2011- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2011- يىلى 3- ئايدىن 2013- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى رايون ئىقتىسادشۇناسلىقى كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  2013- يىلى 4- ئايدىن 2015- يىلى 11- ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  2015- يىلى 11- ئايدىن ئېتىبارەن، ش ئۇ ئا ر باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (ئارىلىقتا: 2018- يىلى 3- ئايدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، ش ئۇ ئا ر باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت باش يېتەكچىسى ئاغۇ يېزىسى توغراق كەنتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجىسى بولغان).

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شەرقىي تەڭرىتاغ دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ جېنشۆ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شەرقىي تەڭرىتاغ دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جۇ جېنشۆ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  جۇ جېنشۆنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جۇ جېنشۆ، ئەر، خەنزۇ، 1962- يىلى 2- ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەنيۈ ناھىيەسىدىن، 1987- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1979- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1979- يىلى 12- ئايدىن 1981- يىلى 2- ئايغىچە، ئالتاي ۋىلايىتى ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولغان؛

  1981- يىلى 2- ئايدىن 1984- يىلى 8- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمان رايونى ج خ ئىدارىسى چوڭ كۆۋرۈكى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى بولغان؛

  1984- يىلى 8- ئايدىن 1988- يىلى 7- ئايغىچە، ئالتاي تېغى رايونى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش-ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1988- يىلى 7- ئايدىن 1992- يىلى 2- ئايغىچە ئالتاي تېغى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش-ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1992- يىلى 2- ئايدىن 1993- يىلى 1- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  1993- يىلى 1- ئايدىن 1994- يىلى 1- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  1994- يىلى 1- ئايدىن 1994- يىلى 3- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  1994- يىلى 3- ئايدىن 1995- يىلى 1- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان ( مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك)؛

  1995- يىلى 1- ئايدىن 1996- يىلى 4- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  1996- يىلى 4- ئايدىن 1998- يىلى 8- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  1998- يىلى 8- ئايدىن 2000- يىلى 2- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تەيخۇي ياغاچچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان؛

  2000- يلى 2- ئايدىن 2008- يىلى 2- ئايغىچە، ئالتاي تېغى ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2008- يىلى 2- ئايدىن 2012- يىلى 5- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئالتاي تېغى دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2012- يىلى 5- ئايدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ شەرقىي قىسىم دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ