مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2019.06.17 16:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2035−2018 يىل)، باي كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2030−2018 يىل)، كورلا شاڭكۇ يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2030−2017 يىل)نى تەتقىق قىلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى (2030−2013 يىل) قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۆت يىرىك پىلان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى، مەنزىرە داڭلىق رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە ئەمەس، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، يىرىك پىلاننىڭ مەزمۇنى ئالاقىدار ئۆلچەم-قائىدىلەرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تۆت يىرىك پىلانغا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىمىز.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار يىرىك پىلانغا ئاساسەن يولغا قويۇشنى قاتتىق باشقۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ