شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چاۋشيەننىڭ چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا ۋە سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى

2019.06.21 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 – ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى يولداش كىم جۇڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، پىيوڭياڭدىكى «1 – ماي» تەنتەربىيە مەيدانىدا چاۋشيەندىكى ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا ۋە سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، 100 مىڭ ئادەم سىغىدىغان «1- ماي» تەنتەربىيە مەيدانىدا بوش ئورۇن قالمىدى. «يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمنى قىزغىن قارشى ئالىمىز»، «پىيوڭياڭ __ بېيجىڭ» قاتارلىق لوزۇنكىلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 9دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جۇڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە كەلدى. مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قىزغىن ئالقىش ۋە تەنتەنە ساداسى بىلەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ