مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈڭلار

2019.06.20 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىللىق ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپىدىكى ساۋاقداشلار:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىلەرنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  مەن نۇرغۇن مۇسابىقىڭلارنى كۆرگەن، ھەر قېتىم ئېلىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇھىم مۇسابىقىلىرىدە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجە ياراتقانلىقىنى، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرگەندە، كۆپچىلىككە چىن قەلبىمدىن ئالقىش ياڭرىتىمەن. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىشتا ئالدىدا تۇرىدىغان روھقا مۇھتاج. سىلەرنىڭ داۋاملىق باشلامچىلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پائال تەييارلىق قىلىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار!

  شى جىنپىڭ

  2019-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2016-يىللىق ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى ھەمدە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پائال تەييارلىق قىلىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە، سىلەرنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، دېدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن سىلەرنىڭ نۇرغۇن مۇسابىقىڭلارنى كۆرگەن، ھەر قېتىم ئېلىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇھىم مۇسابىقىلەردە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجە ياراتقانلىقىنى، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرگەندە، مەن چىن قەلبىمدىن كۆپچىلىككە ئالقىش ياڭرىتىمەن. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىشتا ئالدىدا تۇرىدىغان روھقا مۇھتاج. سىلەرنىڭ داۋاملىق باشلامچىلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. (جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم تارقىتىلدى)

  2003-يىلى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپى ئېچىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يەككە تۈر چېمپىيونى ۋە كوللېكتىپ تۈر چېمپىيونى بولغان تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېرلارنى قوبۇل قىلغان. 2016-يىللىق ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپىدا ھازىر 24 ئوقۇغۇچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونىدىن سەككىز كىشى، دۇنيا چېمپىيونىدىن 14 كىشى، چېمپىيونلار تىرېنېرىدىن ئىككى كىشى بار. يېقىندا، بۇ سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆگىنىش، مەشىق ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش قىزغىنلىقى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ