شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.06.21 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پيۇڭياڭ جىنشيۇشەن مېھمانخانىسىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن تۆت قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتۇق ھەمدە چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. كومىتېت باشلىقى يولداش كىم جۇڭئېننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قىزغىن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن بۈگۈن ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن تۇرالغۇغا يېتىپ بارغىچە، ھەممىلا جايدا جۇڭگو- چاۋشيەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك قويۇق كەيپىياتنى ھېس قىلدىم. بۇ يىل جۇڭگو- چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەن كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئېن بىلەن پيۇڭياڭدا كۆرۈشتۈم. مەن بۇ قېتىم جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بىز چوقۇم جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئاچىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىزكى، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئورتاق غايە- ئېتىقاد ۋە كۈرەش نىشانى − جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى؛ ئالىي رەھبەرنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكى − جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى؛ جۇغراپىيەلىك قوشنىدارچىلىق ۋە مەدەنىيەت باغلىنىشى − جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم رىشتىسى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تەۋرىنىپ قالمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ