31 نەپەر بېلارۇسىيەلىك مۇنەۋۋەر خەنزۇ تىلى ئوقۇغۇچىسى «جۇڭگو باش ئەلچىسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشتى

2019.06.20 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  6- ئاينىڭ 18- كۈنى، بېلارۇسىيە مىنسكىدا، «جۇڭگو باش ئەلچىسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشكەن شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ بېلوروسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 18- چېسلا كەچتە مىنسكىدا شۇ جايدىكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىغان 31 نەپەر مۇنەۋۋەر ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا «جۇڭگو باش ئەلچىسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تارقىتىپ بەردى. جۇڭگونىڭ بېلارۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 2016- يىلى «جۇڭگو باش ئەلچىسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تەسىس قىلىپ، بېلارۇسىيەدە ئەخلاق ۋە ئۆگىنىشتە ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى بايلىق ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. تۆت يىلدىن بۇيان، بېلارۇسىيەدە جەمئىي 106 نەپەر ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ