مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.06.20 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنى 19-چېسلا بېيجىڭدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياسىمىچىلىق دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا «ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېما قىلىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش خىزمەت پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلدى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىغا نەزەر سالغاندا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىگە قويۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ سانائەتلىشىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ بەردى. نامرات، قالاق ئۇل ئاساسىدا تېزلىكتە مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسىنى ياراتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى، دۆلىتىمىز بىراقلا ھالقىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ «ۋاقتى» ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «يۈزلىنىشى»گە ئايلاندى. گەرچە ئىچكى-تاشقى مۇھىت كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېكىن ئېلىمىز مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، غايەت زور بازار بوشلۇقى، مول ئادەم كۈچى كاپىتالى قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، بولۇپمۇ سىياسىي تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى بار، ئۇ چوقۇم بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ بەئەينى سۇمرۇغتەك يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ