خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن 1800 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلامدا يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، داۋالاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئۈچ يىل (2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە) كەسىپ تاللاش مەزگىلىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى چوقۇم ئالىي كەسپىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بولۇشى، خىزمەت ئورنىغا ئېھتىياجلىق كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك؛ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىش، تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەركەزلىك تەكشۈرۈش، يېزىقچە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش قاتارلىق ھالقىلاردىن كېيىن، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 9-ئايدا ئىش ئورنىغا چىقىدۇ، مۇلازىمەت مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ. تەمىنات كاپالىتى جەھەتتە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىنىڭ ھەر بىرىگە يىللىق خىزمەت، تۇرمۇش ياردەم پۇلى 30 مىڭ يۈەن (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ھەر بىر ئادەمنىڭ يىللىق خىزمەت، تۇرمۇش ياردەم پۇلى 40 مىڭ يۈەن) بېرىلىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق خىزمەت، تۇرمۇشىغا ھەر ئايدا 500 يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئىش ئورنىدا مۇلازىمەت قىلغىنىغا ئالتە ئايدىن ئاشقان (ئالتە ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىغا بىر قېتىمدىلا 3000 يۈەن ماكانلىشىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئوقۇتقۇچىلىق ئورۇنلىرىغا ئىمتىھان بەرگەن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن كەسىپلىرى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق ياكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك؛ نامراتلارنى يۆلەش ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىدىغان ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن كەسپى ئاساسىي قاتلامغا ئېھتىياجلىق كەسىپ بولۇشى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىقىغا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 50نى قوبۇل قىلىدىكەن. نۆۋەتتە تىزىملىتىش باشلانغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىدىن ئالاقىدار خىزمەت ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى كۆرسە بولۇدىكەن.
( http://www.xjggjy.com )
ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:
1. ئۈرۈمچى شەھىرى: 4639654-0991
2. سانجى ئوبلاستى: 2206022-0994
3. ئىلى ئوبلاستى: 8024451-0999
4. قاراماي شەھىرى: 6228030-0990
5. قۇمۇل شەھىرى: 2232335-0902
6. تۇرپان شەھىرى: 8511796-0991
7. بورتالا ئوبلاستى: 2318561-0909
8. تارباغاتاي ۋىلايىتى: 6220170-0901
9. ئالتاي ۋىلايىتى: 2100319-0906
10. قىزىلسۇ ئوبلاستى: 4222969-0908
11. بايىنغولىن ئوبلاستى: 2610262-0996
12. ئاقسۇ ۋىلايىتى: 2121792-0997
13. قەشقەر ۋىلايىتى: 2671012-0998
14. خوتەن ۋىلايىتى: 2023029-0903
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى