شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.06.19 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 18- چېسلا بېيجىڭدا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋەكىللەر ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىنىڭ كۆرۈشۈش زالىغا يېتىپ كەلگەندە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى 17- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئۇلار: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ ئوفىتسېر -ئەسكەرلەرنى قۇدرەتلىك زامانىۋى خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت.

  شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا ۋە جاڭ شېڭمىنلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ