مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2019.06.19 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18 – ئىيۇن كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ترامپ مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا قايتا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە بىز ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىرلىشىشكە تەقەززا بولۇۋاتىمەن . ئامېرىكا ئامېرىكا – جۇڭگو ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىغا ئېتىبار بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ خىزمەت ئۆمىكىنىڭ پىكىرلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، تېزدىن نۆۋەتتىكى ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكا – جۇڭگونىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىت. جۇڭگو – ئامېرىكىغا نىسبەتەن ھەمكارلىق ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشىش ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. ئىككى تەرەپ بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ماسلىشىش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو – ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېتەكچىلىك رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا پائال نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا بازىرىغا ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىساد – سودا مەسىلىسىدە، ئىككى تەرەپ باراۋەر سۆزلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى، مۇھىمى بىر – بىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بىلەن قارىشى كېرەك. بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن ئىككى دۆلەت ئىقتىساد – سودا ئۆمىكىنىڭ ئىختىلاپنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئالاقىنى ساقلىشىغا قوشۇلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ