مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇل خەجلەپ «بالا چولپان» يېتىشتۈرىمەن دەپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

2019.06.14 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قېتىملىق يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەش، بىر قېتىملىق ئويۇنغا قاتنىشىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ يۈەن سەرپ قىلىش... نۆۋەتتە، كۆپلىگەن كىچىك ئارتىس، كىچىك رىياسەتچىلەر ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، راست-يالغانلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن «بالا چولپان ۋاسىتىچىلىك شىركىتى» شاخلاپ چىقىۋاتماقتا.

  يېقىندا، شاڭخەيدىكى ئالتە ئائىلە باشلىقى بىر ئويۇن قويۇش ۋاسىتىچىلىك شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭدىن بارلىق «ئويۇن قويۇش، تەربىيەلەش» خىراجىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر دەۋا بىلەن، نۇرغۇن ئادەمنى ئوڭدا قويغان بۇ كەسىپ كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

  بۇ «چولپان يېتىشتۈرۈش» شىركىتى كىشىلەرنى قانداق زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؟

  قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەۋجۇد بولمىغان ئويۇن قويۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، تەربىيەلەش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردىن يۇقىرى خىراجەت ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يوقاپ كېتىدۇ. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، «چولپان يېتىشتۈرۈش» شىركەتلىرىنىڭ ئادەم ئالداش ئۇسۇلى ئانچە ئاقىلانە ئەمەس ئىكەن، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، تەربىيەلەش سالاھىيىتى يوق، ھەتتا ناچار سۈرەتلەرنى يوللاشنى تەلەپ قىلىدىكەن... ئاتا-ئانىلارچۇ؟ پۇل چىقىرىشتا قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىنى ئايىماي، «خۇشاللىق بىلەن» ئازگالغا سەكرەيدىكەن.

  بۇنىڭغا قانداق قاراش، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. مەكتەپ، تاراتقۇ قاتارلىق بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىشلىق، يازلىق تەتىل قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلاردا تەشۋىقات، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەسكەرتىشنى ياخشى ئىشلەش ناھايىتى زۆرۈر. لېكىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئېھتىياج بولغاندىلا بازار بولىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور ئۈمىد باغلايدۇ، بۇ نورمال ھېسسىيات. لېكىن پۇلنى بۇزۇپ «چولپان يېتىشتۈرۈش» مەيلى بالىنىڭ بالىلىق چاغلىرىغا ئۇنتۇلغۇسىز ئىز قالدۇرۇش بولسۇن ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك پايدا ئېلىش ئۈچۈن بولسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ قانۇنىيىتى بولىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدىغان قىممەت يېتەكچىلىكى بەلكىم بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك، چىراي، نام-مەنپەئەتكە بولغان تونۇشىغا تەسىر قىلىپ، مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەرنىڭ بالىلىقىنىڭ پارلاق بولۇشىنى ئويلاش خاتا ئەمەس، لېكىن بالىنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ