مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، نۇر گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، ھەقىقەت بىلەن بىللە مېڭىش، دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ زىيالىيلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشنى تەكىتلىدى

2019.06.17 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. نۇر گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى .

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، نۇر گېزىتى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەت بىلەن بىللە مېڭىش، دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلىم ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، يېتەكلەپ، مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەخلاق ئارقىلىق يېتەكلەش، تەربىيە ئارقىلىق ئىلھام بېرىش، مەدەنىيەت تارقىتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ نۇر گېزىتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت چوڭ گېزىتىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىقنى ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلنى مايىل قىلىش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ زىيالىيلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ۋە قىزغىن غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، كەڭ زىيالىيلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ