مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى مارپاس بىلەن كۆرۈشتى

2019.06.12 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ زالىدا، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى مارپاس بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى بىلەن ماس قەدەمدە دېگۈدەك. يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ قەرز پۇل، بىلىم قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىشچان، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق، بۇمۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىدا ئېنىقسىز، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيدى، جۇڭگو ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىشتىراكچىسى، قۇرغۇچىسى ۋە تۆھپىكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا بانكىسى بىلەن ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياغا دۇنياۋىلىشىش تەرەققىيات مۇساپىسىگە ماسلىشىش ئىجابىي سىگنالى تارقىتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ