مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ھەقسىز تەمىنلەش»نى «مەجبۇرلاپ تېڭىپ سېتىش»قا ئۆزگەرتىۋالماسلىق كېرەك

2019.06.12 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇلازىمەت كەسپى ھازىر ئىستېمالنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلىرى چوقۇم «خېرىدارنى مەركەز قىلىش» ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىشى، قانۇن-نىزاملارغا ھۆرمەت قىلىشى، بازارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى خاتىرجەم ۋە راھەت ئىستېمال قىلغۇزۇشى كېرەك.

  كىنوخانىغا 3D كىنو كۆرگىلى بارغاندا، ئەجەپلىنەرلىكى، ئۇلار، كەچۈرۈڭ، بۇ كىنوخانا 3D كۆزەينەك بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، سىز كىنوخانىدا سېتىلىۋاتقان 3D كۆزئەينەكنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك، دەيدىكەن. بۇ بىر قىسىم ئىستېمالچىلار كىنو كۆرگىلى بارغاندا دۇچ كەلگەن غەلىتە ئەھۋاللار.

  كىنوخانىدا 3D كىنو بېلىتى سېتىلىدۇ، ئەمما 3D كۆزەينەك ھەقسىز تەمىنلەنمەيدۇ، بۇ ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېگەندە ئاشخانا تەرەپنىڭ قاچا-قۇچا بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. بەزى ئىستېمالچىلار كۆزەينەك سېتىۋېلىشنى خالىماي، بېلەت قايتۇرماقچى بولغاندا، ئەگەر بېلەتنى توردا بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسىدىن سېتىۋالغان بولسىڭىز، تور سۇپىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ ئەگەر كىنوخانا نەق مەيدانىدا بېلەت سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئەزالار قايتۇرسا بولىدۇ، ئەزا بولمىغانلار قايتۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ ئۇقتۇرۇپ قويۇلغان.

  بۇ خىل3D كىنولارنى قويۇشتا نېمىشقا 3Dكۆزەينەك بىلەن تەمىنلىمەيدۇ؟ بەزى كىنوخانىلارنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسى بولسا: بۇ، خېرىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتقانلىق، چۈنكى، بەزى خېرىدارلاردا ئاسان يۇقىدىغان كۆز كېسەللىكلىرى بولىدۇ، كىنوخانىلاردا ئۇنداق كۆزەينەكنى باشقىلارغا ئىشلىتىشكە بەرگەندە، ئۇ كۆزەينەكنىڭ تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلىنغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە كېيىنكى خېرىدارنىڭ كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان-يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش تەس، دېيىشتىن ئىبارەت.

  بۇ باھانە قارىماققا ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇلاھىزە قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 3D كۆزئەينەك بولسا،3D فىلىمنى كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي شەرت، 3D كۆزئەينەك بىلەن تەمىنلەش كىنو كۆرۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمىدۇر. ھازىر بەزى كىنوخانىلار ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇلازىمەت مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئالدىغا پارچىلاپ، ئىستېمالچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق بۆلۈش ۋە ئايرىم ھەق ئېلىشتەك غەلىتە بەلگىلىمىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىدا نۇقتىلىق مەنئى قىلىنغان «تەڭسىز ئەندىزىلىك ماددا» سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھەم نامۇۋاپىق ھەم قانۇنسىز بولغان بەلگىلىمە. بەزى سودىگەرلەر توردا كىنو بېلىتى ساتقاندا،«3D كۆزئەينەك سېتىۋېلىش»دېگەن خەتنى قەستەن ناھايىتى كىچىك قىلىپ لايىھەلىگەن، ئادەتتە ئىستېمالچىلار بۇ بەتنىڭ ئەسكەرتىشىنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، ھەتتا بەزىلار بېلەت سېتىۋېلىش ئەپلىرى ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمە بەرمىگەن، ئىستېمالچىلار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن يېڭىدىن ئەسكەرتىش خېتى قوشقان. بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىدا مەنئى قىلغان «ئېنىق ئەسكەرتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق» ۋە «كۆڭۈلدىكى بويىچە قوشۇپ سېتىش»تەك قىلمىشلار بولۇپ، ئۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقتۇر.

  نۆۋەتتە، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئىستېمالچىلارنىڭ مۇلازىمەت ئېھتىياجىمۇ ئىلگىرىكى «بولۇش-بولماسلىق»تىن ھازىرقىدەك «ياخشى بولۇش-بولماسلىق»قا قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «ھەقسىز تەمىنلەش»نى «مەجبۇرلاپ تېڭىپ سېتىش»قا ئۆزگەرتىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، جايلاردىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلار ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىشلارنى ۋە خاتالىقنى تۈزىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. كارخانىلارمۇ تەلەپچان بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، بەزى جايلار پائال ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. فۇجۇدا، شەھەرلىك ئىستېمالچىلار كومىتېتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن،3D كۆزئەينەكنى مەجبۇرىي ساتقان كىنوخانىلار ھەقسىز تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈردى؛ شېنجېندا، شەھەرلىك ئىستېمالچىلار كومىتېتى باش بولۇپ ۋە مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ، كىنو بېلىتىنى «قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش» ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدا، كىنو قويۇلۇشقا يەنە 24 سائەتتىن كۆپ ۋاقىت قالغاندا قايتۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن بىلەتلەردىن رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئەمەلىيەتتە،«3D كىنو كۆزئەينىكىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن سېتىۋېلىش»تەك نامۇۋاپىق ھەقلەرنى ۋە «كىنو بېلىتى سېتىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇۋېتىشكە قەتئىي بولماسلىق»تەك نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۇرمۇشتا يەنە باشقا تۈرلۈك نامۇۋاپىق ھەقلەر ۋە بەلگىلىمىلەرمۇ بار، مەسىلەن، ئاپتوموبىللارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ھەققى، قەغەز پۇلىسى، قاچا-قۇچا ھەققى، چاي ئورنى ھەققى ۋە خاسخانا ھەققى دېگەندەكلەر. بۇ غەلىتە ھەقلەرنى باشقۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپى ھازىر ئىستېمالنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم «خېرىدارنى مەركەز قىلىش» ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن-نىزاملارغا ھۆرمەت قىلىپ، بازارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ