چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى» (ۋاقىتلىق نامى)نى تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى

2019.06.11 09:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى» نامىدىكى بۇ پائالىيەت تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، شېنجېن جۇڭخۇڭ-گوشىن كاپىتال پاي كونترول چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھەر قايسى مەمۇرىي ئورگانلار، كارخانىلار، ئىش ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە بىلىم يۇرتلىرى پائال ئاۋاز قوشتى، ھەمدە نەچچە يۈز مىڭ ئورگان كادىرى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق يېزا ـ كەنتلەر ۋە مەھەللىلەرگە باردى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، ئىشچ - خىزمەتچىلەر شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈردى، ھەر بىر ئىشنىڭ كەينىگە يەنە بىر ئىشنى ئۇلاپ ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇلاپ قىلدى، بىر يىلنى يەنە بىر يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي تۇرمۇش ئۆزگىرىشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەشەببۇس قىلغان ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن، ھەمدە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ۋاسىتە قىلىنغان بۇ پائالىيەت تۈرى يېقىندا رەسمىي باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى يىلغىچە بۇ تىياتىر ۋەقەلىكىنى دەلىللەش ۋە خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى توپلاش خىزمىتىدىن كېيىن، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 23- ئىيۇل قاراماي شەھىرىدە رەسمىي قويۇلىدىكەن.

  

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ يۇڭ


  تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى پائالىيەت قاراماي شەھىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىشى ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى پېڭ شۇچۇاڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈردى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، «خۇشال ـ خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق بۇ تىياتىر قاراماي شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە بۇ تۈردىكى تۇنجى كومېدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، قىسقا دراما شەكلى ئارقىلىق، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى تېمىسىدىكى كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، شۇنداقلا مىليونلىغان ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  

   «خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق بۇ تىياتىرنىڭ باش رېژىسسورى جاڭ چېڭشياۋيۇڭ

  مەزكۇر تىياتىردا، شىنجاڭدىكى قىزىل ئانار كەنتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، شىنجاڭدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىش ـ ئىزلىرى مەزمۇن قىلىنغان، قىزىل ئانار كەنتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش»، «مەدەنىيەت ساياھىتى»، «بەختلىك تۇرمۇش كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈش»، «مۇنەۋۋەر رايوننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش»، «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» قاتارلىق مەزمۇنلار ھېكايىنىڭ ئىچكى يادروسى قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر نەچچە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە گۈزەل يۇرت ـ ماكان قۇرۇشتەك تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق، گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت مەزمۇنى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىناق ئۆتىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشى نامايان قىلىنغان. پېڭ شۇچۇاڭ ئۆزىنىڭ «خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى»گە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئەسەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىدىغان، گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت مەزمۇنلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىناق ۋە خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان ھەمدە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان گۈزەل تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر نادىر ئەسەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  

  ئۇيغۇر يازغۇچى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ تەھرىر ھەيئىتى ئەكبەر غۇلام

  تىياتىرنىڭ ئىشلىنىش سەۋىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق بۇ تىياتىرنىڭ باش رېژىسسورلۇقىنى جاڭ چېڭشياۋيۇڭ ئۆز ئۈستىگە ئالدى، لېي يۈ فىلىم ئىشلىگۈچى بولدى، ھەمدە كومېدىيەلىك دىراما «ئائىلىدە ئوغۇل-قىزلار بار»نىڭ سېنارىستى ياڭ جىنفېڭ، كومېدىيەلىك دىراما «ئاشپەزلەر سىنىپىدىكىلەرنىڭ ھېكايىلىرى»نىڭ سېنارىستى چېن مەنچيۇ، «بىكارچى ما ھەدە» ۋە «شەرقىي شىمالدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىڭ سېنارىستى شى پېڭ، ھەمدە ۋاڭ شىچىڭ، چېن ئاكا، چۈ لى، گاۋ يى، چېن يۇڭ، فاڭ داگې قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق سېنارىستلارمۇ بىرلىكتە بۇ تىياتىرنىڭ ئىجادىيىتىگە تەكلىپ قىلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تۈرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىش كېچىلىكى ۋە پېشقەدەم كادىرلار كېچىلىكىدىكى مىللىي تىل مۇتەخەسسىسلىرى، ئۇيغۇر يازغۇچى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ تەھرىر ھەيئىتى قاتارلىق كەسپىي ئاپپاراتلار «خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىڭ غەلىبىلىك تاماملىنىشىغا تەكلىپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ