مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياخشى ئالىي مەكتەپنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى ياخشى كەسىپنىمۇ؟

21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ بىڭچى

2019.06.11 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ناھايىتى تېزلا ئارزۇ تولدۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. زادى ياخشى ئالىي مەكتەپنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى ياخشى كەسىپنى تاللاش كېرەكمۇ؟

  بۇ ھەقتە مېنىڭ تەكلىپىم مۇنداق: «بىرىنچى تۈركۈمگە مەكتەپ تاللاش، ئىككىنچى، ئۈچىنچى تۈركۈمگە كەسىپ تاللاش» كېرەك. يېڭى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈم سانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى تاللاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: ئومۇمىي مائارىپ مەكتەپلىرىدە مەكتەپنى تاللاش، كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىدە كەسىپ تاللاش كېرەك.

  نېمە ئۈچۈن بىرىنچى تۈركۈمگە (بىرىنچى تۈركۈم ياكى نۇقتىلىق مەكتەپلەر تۈركۈمىگە) مەكتەپ تاللاش كېرەك؟

  بىرىنچىدىن، بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساسلىقى 985 ئالىي مەكتەپ، 211 ئالىي مەكتەپ ۋە يەرلىك قۇرغان نۇقتىلىق تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمى، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى جەھەتتە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. ئەگەر تېخىمۇ ياخشى ئالىي مەكتەپكە كىرەلىسە، تېخىمۇ كۆپ مائارىپ بايلىقىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئومۇمىي مائارىپ يولغا قويۇلغان. ئومۇمىي مائارىپنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولسا كەسىپ چېكىنى سۇسلاشتۇرۇش، كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىشتۇر. بۇ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانى ئىلمىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشكە، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، بۇ مەكتەپلەر نۇرغۇن يانداش سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدۇ.

  بىرىنچىسى، كەسىپ ئۆزگەرتىش سىياسىتى. بەزى مەكتەپلەردە %30 كۆرسەتكۈچ بار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى تاماملىغاندا كەسىپ ئالماشتۇرۇشىغا، جۈملىدىن ئىجتىمائىي پەن كەسپىدىن تەبىئىي پەن كەسپىگە ئالمىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. كەسىپ ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان كۆپ قىسىم مەكتەپلەر كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا GPA تەلىپىنى قويىدۇ، يەنە بەزى مەكتەپلەر كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا شەرت قويماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن كەسىپ ئالماشتۇرغاندا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى باھالايدۇ.

  شۇڭا، ئالىي مەكتەپنى تاللىغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپتە كەسىپ ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئالدىن ئىگىلەپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ ئۆرلەپ ئوقۇغاندا، ئالىي مەكتەپتە كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپكە كىرەلمىگەن بولسا، كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپكە ئالماشقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كەسىپ ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ئەگەر كەسىپ ئالماشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، خاتىرجەم ھالدا ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.

  ئىككىنچىسى، قوشۇمچە ئۆگىنىش سىياسىتى. يەنى ئاساسلىق A كەسىپنى ئۆگەنگەندە، ئىقتىدارى يېتىدىغان ئوقۇغۇچىلار B كەسىپنىڭ يادرولۇق دەرسلىكىنى تاللاپ ئۆگەنگىلى بولىدۇ، B كەسىپنىڭ يادرولۇق دەرسلىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، B كەسىپنىڭ قوشۇمچە ئوقۇش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ، ساۋاقداشلارنىڭ تاللاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپتە ئۆزى قىزىقىدىغان كەسپىي مەزمۇنلارنى كۆپرەك ئۆگىنەلەيدۇ. لېكىن بۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ ھەم ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىش، ھەم زېھنىنى سەرپ قىلىپ قوشۇمچە كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.

  ئۈچىنچىسى، مەكتەپ ئاتلاپ دەرس تاللاش. يەنى A مەكتەپتە ئوقۇغاندا، مەكتەپ ئاتلاپ B مەكتەپنىڭ كەسپىي دەرسلىكىنى تاللىغىلى بولىدۇ، B مەكتەپنىڭ كەسپىي دەرسلىكىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بەلگىلىك ئوقۇش نومۇرى توپلىغاندا، B مەكتەپنىڭ ئالاقىدار كەسپى ياكى دەرسلىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن A، B ئىككى مەكتەپ ئارىسىدا ئوقۇش نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ساۋاقداشلار يەنە توردا تەربىيەلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقا مەكتەپلەر، جۈملىدىن چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگەنسە بولىدۇ.

  ئالاقە تورى دەۋرىدە، ئۆگىنىش بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان كەسپىي مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشى ھەرگىزمۇ قىيىن ئىش ئەمەس، مۇھىمى ئۆزىنىڭ زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىشنى خالاش- خالىماسلىقىدا. نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئالىي مەكتەپتە كەسىپ ئالماشتۇرۇش سىياسىتى، قوشۇمچە ئۆگىنىش سىياسىتى بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، لېكىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، باشقا بىر قىياپەتتە بولۇپ قالىدۇ، ئېنىق نىشانى يوق، ئۆزىگە بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ، گەرچە ئالىي مەكتەپ نۇرغۇن ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئۇنى چىڭ تۇتالمايدۇ.

  شۇڭا، تۇنجى تۈركۈمدە مەكتەپ، كەسىپ تاللىغاندا، ئالدى بىلەن مەكتەپكە دىققەت قىلىش كېرەك؛ مەكتەپنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەسىپنى تاللاشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئېنىق كەسپىي قىزىقىشى بولسا، ئۇنداقتا كەسپىي قىزىقىشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان مەكتەپلەرنى تاللاش كېرەك.

  نېمە ئۈچۈن 2-، 3- تۈركۈمگە كەسىپ تاللاش كېرەك؟

  ئالدى بىلەن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە 2-، 3- تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمى جەھەتتە ئانچە چوڭ پەرق يوق، پەرقى 1-تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئۇنچە چوڭ ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئالاھىدە كەسىپلىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، مەكتەپ باشقۇرۇشتىن قارىغاندا، 2-، 3- تۈركۈمدىكى مەكتەپلەردە مەكتەپ باشقۇرۇشتا كەسپىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، ئەمەلىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بۇنداق مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تاللىغاندا، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان كەسىپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرقى ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك قۇرۇلما بىلەن ئىجتىمائىي ئېھتىياج تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئورنىنى ئېنىق بېكىتمىگەن، ئىلمىي ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىشانى ئارىسىدا ئۇياق-بۇياققا تەۋرىنىپ تۇرماقتا.

  بۇنداق زىددىيەتلىك ئەھۋالدا، ئەسلىدە ئومۇمىي بىلىم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكىمۇ نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلماقتا؛ كەسپىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ئالىي مەكتەپلەر ئەكسىچە ئىلمىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات نىشانىغا بېرىلىپ، نۇرغۇن يەرلىك تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشىنى بىردىنبىر چىقىش يولى قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

  شۇڭا، ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا ياكى تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ