مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2019.06.12 15:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 6-ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭدا ئالاقىدار دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى،مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئالاقىدار پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار قانات يايدۇرغان « يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرۈتكە بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش » تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.

  ۋاڭ ياڭ ئالاقىدار پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەرپا قىلغان مۇھىم پارتىيەلەر كېڭىشىش شەكلى بولۇپ،ئېلىمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى،ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، دېموكراتىك پارتىيە ـگۇرۇھلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن ئورۇن بولۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي سۆز قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي خىزمەت كۆرسىتىپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىجابىي تەكلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە تونۇشنى كۈچەيتىپ،جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ،ئېلىمىز پارتىيەلىرىنىڭ كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ مۇقىملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، ئادالەت پەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ، باج ئېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ئادالەت پەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى « بىر بەلباغ، بىر يول » يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەكلىپىنى بەردى. مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ساھەلەرنىڭ ئورتاق تېخنىكا تەتقىقات سىستېمىسىنى قايتا بەرپا قىلىش،پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا دائىر سىياسەت، قانۇن- نىزام ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ