مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىتىش لازىم

2019.06.12 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، ئىككى سىن ئادەمنى بىئارام قىلدى ھەم خۇشال قىلدى.

  شېنجېندا توققۇز ياشلىق بىر قىز لىفىتقا چىققاندا، تۇيۇقسىز لىفىت چۈشۈپ كەتكەن. ئۇ دەرھال بارلىق كۇنۇپكىلارنى باسقان، لىفىت 19-قەۋەتتىن تەدرىجىي سىيرىلىپ 1-قەۋەتكە چۈشكەن، قىز بالا ساق-سالامەت ئىدى.

  جياڭسۇدىكى 13 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئۆيدە يالغۇز قالغاندا، ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان. مېھمانخانىدىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋېلىپ، مۇنچىدىكى پۈركۈگۈچنى ئېچىپ ئىشىك يوچۇقىغا قارىتىپ پۈركۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان، ئاخىرىدا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن بىخەتەر قۇتقۇزۇپ چىقىلغان.

  بۇ ئىككى بالىنىڭ بىر قاتار مەشغۇلاتىدا بىر ئورتاقلىق بار، يەنى خەۋپ-خەتەر ئالدىدا ھودۇقماسلىق، ئۆزىنى كەسكىن قۇتقۇزۇش، ھەر بىر قەدەم توغرا بولۇش، قىلچە ئىككىلەنمەسلىك قاتارلىقلارنى تورداشلارنىڭ «دەرسلىك شەكلىدىكى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدە ئىپادىلەنگەن پىسخىك ساپا ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى بەزى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانماقتا. ئۇلار قانداق قىلالىدى؟

  بىلىم __ ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، ھازىر نۇرغۇن مەكتەپلەر دەرس تەسىس قىلىش، مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي ئاپپاراتلار، ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ تۈرلۈك يوللار، ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەتەرگە يولۇققاندا بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى پائال تارقاتماقتا. شېنجېندىكى ھېلىقى قىز ئىشتىن كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئىلگىرى بىخەتەرلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ئائىلىلەرمۇ بۇ جەھەتتىكى مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.

  ئۆگىنىشنىڭ قىممىتى قوللىنىشتا. ئەستە چىڭ ساقلىغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى خەۋپ-خەتەرگە يولۇققان چاغدىكى ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇش __ بۇ مۇھىم ھالقا. شۇڭا، خەۋپتىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە قۇرۇق گەپ قىلىشقا بولمايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن «قەغەز ئۈستىدىكى تۇيغۇ سۇسلىشىدۇ»، كۆپرەك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش كېرەك. مەسىلەن، ھازىر نۇرغۇن مەكتەپلەر دائىم ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ، بەزى تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا بىرىكمە مانېۋىر تەشكىللەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى ئىش. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن ساقلىنىش جەھەتتىكى تەربىيە ۋە ئەمەلىيەت قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ، تىرىشىپ شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان مەزگىل ئىكەن. چۈنكى بۇ ياشتىكى بالىلار بىخەتەرلىك يېتەكچىلىكىنى ئاسان قوبۇل قىلىدىكەن ھەمدە ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى بىخەتەرلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، بىر ئۆمۈر پايدىلىنىدىكەن. بەزى دۆلەتلەردە جامائەت بىخەتەرلىكى تەربىيەسى كىچىك بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇلىدىكەن، بەزى بالىلار ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىلا بىر نەچچە سائەتلىك بىخەتەر قېچىپ قۇتۇلۇش تەقلىدىي تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىكەن، كېيىن يەنە ھەر خىل بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسلىرى، مەسىلەن، ئوت ئۆچۈرۈش دەرسى، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش دەرسى قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقۇيدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن.

  قەدىمكىلەردە، ئېسىلزادىلەر خەتەرلىك تام ئاستىدا تۇرمايدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ھەقىقەتەن خەتەرلىك تامغا يولۇققاندا، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئامالىمىز بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ